1. ئەتىگەن، كەچتە ئىككى ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش . ئاياللار ئەتىگەن كەچتە ئاز دېگەندىمۇ بىر ئىستاكاندىن قايناق سۇ ئىچىشى كېرەك . ئەتىگەن ئىچكەن قايناق سۇ ئۈچەينى تازىلاپ، سۇ تولۇقلايدۇ. كەچتە ئىچكەن قايناق سۇ بەدەننىڭ نورمال قان ئايلىنىشىغا پايدىلىق.
2. كۈندە بىر تال پەمىدۇر يەپ بېرىش . مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلار ئىچىدە ، پەمىدۇر تەركىبىدە ۋېتامىن c ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاياللار ئېھتىياجلىق بولغان ۋېتامىن c نى تولۇقلاشقا پايدىلىق.
3. بىر ئىستاكان ئاچچىقسۇ . كۈندە ئۈچ ۋاق ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرگەندە ، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەر قېتىم گىرىم قىلىشتىن بۇرۇن قولىغا ئاچچىقسۇ سۈركەپ 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، تېرە تېخىمۇ پارقىراق ۋە سىلىق بولىدۇ.
4. بىر ئىستاكان سۈت . كالتسىي تولۇقلاش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سۈتنىڭ كالتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى ھەر قانداق يېمەكلىكتىن يۇقىرى، شۇڭا ئاياللار كۈندە بىر ئىستاكان سۈت ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.