ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئانىنىڭ باغرىغا بېسىشى بوۋاقنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ

ۋاقتى : 2014-06-13  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى كۆرۈلىشى : قېتىم

بوۋاقلارغا ئوكۇل سالغاندا ياكى ئۇلاردىن قان ئالغاندا ، بالىلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن دوختۇر ياكى ئاتا–ئانىلار دائىم بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ . ئەمما يېقىندا ئەنگىلىيەدە نەشىردىن چىققان «ئوپېراتسىيە پىچىقى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، بۇنداق قىلىشنىڭ كۆپ پايدىسى يوق بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ، ئانا بالىنى باغرىغا باسسا ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن .
   لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستۇتىنىڭ دوكتورى رېبىسكا سىلاتر: ئاغرىق يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشىگە قىسقا ياكى ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدۇ . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاغرىقىنى ئۈنۈملۈك ھەم تېز پەسەيتىش ئىنتايىن مۇھىم مەسلە ، دېدى .
   تەتقىقاتچىلار يېڭى تۇغۇلغان 59 بوۋاق ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ باردى . بۇ 59 بوۋاقنىڭ يېرىمىغا قان ئېلىشتىن ئىلگىرى شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرۈلگەن . نەتىجىدە شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرۈلگەن بوۋاقلار گەرچە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئاغرىق ئىنكاسى يەنىلا كۈچلۈك بولغان ؛ شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرۈلمەي ، ئانا باغرىغا بېسىلغان بوۋاقلار بەك ئۇزاق ئاغرىق ھېس قىلمىغان ياكى ئازابلانمىغان . بۇ ئۇسۇلنى يېشى چوڭراق بالىلارغا قوللانغاندا ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخغى بولىدىكەن .
   تەتقىقاتچىلار : بۇ نەتىجە شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرگەندە بالىلارنىڭ دىققىتىنى بۇرىغىلى بولىدىغانلىقنى ؛ ئەمما ئانا باغرىغا باسقاندا بالىلاردىكى ئاغرىقنى ھەقىقىي پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا