كۆپلىگەن ئاياللار ئۇزاقراق يول يۈرگەندە پاشنىسىز ئاياغ كىيىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە پاشنىسىز ئاياغ ئۇزاق يول يۈرۈشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
كۆپلىگەن كىشلەر يول يۈرگەندە تاپىنى ئاۋال يەرگە تېگىدۇ. بۇ تاپاننىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، گەرچە پاشنىسىز ئاياغقا يۇمشاق پېتەك سېلىنغان بولسىمۇ، بۇ بېسىمنى يېتەرلىك يېنىكلىتەلمەيدۇ. پەس پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ، ئارام ئالماستىن يول يۈرگەندە، تاپانغا چۈشكەن بېسىم تېخىمۇ ئارتىپ، تاپان ئۈستىدىكى مۇسكۇل سوزۇلۇپ، تاپان مۇسكۇلىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ سېمىزلەر پاشنىسىز كىيسە، زەخمىلىنىش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، شۇڭا سىرتلارغا ساياھەتكە چىققاندا بىر سانتىمېتىردىن يۇقىرى پاشنىلىق ئاياغ كىيىش كېرەك