ئەتىيازدا خانىم – قىزلاردا كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، بۇ خىل ھالەت خانىم – قىزلار سۈت بېزىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . كەيپىياتتىكى جىددىيلىك سۈت بېزى ئاغرىش ، يوغىناش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئىچ مىجەز ، دائىم ئىچى سىقىلىپ ، بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان خانىم – قىزلاردا ناھايىتى ئاسانلا سۈت بېزى كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا بىر كۈندە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك . شۇنداق قىلغاندا قان ئايلىنىش تېزلىشىپ ، كۆكرەك مۇسكۇلى كېڭىيىپ ، ئۆپكە سىغىمچانلىقى ئاشىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، خانىم – قىزلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئېچىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ .