ياش خەتتات رىشات نائىل 1969 – يىل 9 – ئاينىڭ 14- كۈنى ئالتاي شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1991-يىلى شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسىرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. تالانتلىق ياش خەتتات رىشات نائىل؛1987 – يىلىدىن باشلاپ تۇنجى ئۇستازى ئاتىسىنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە قەدەم قويغان . ئۇنىڭ 400 پارچىدىن ئارتۇق خەتتاتلىق ئەسىرى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى گېزىت – ژۇرناللارد ا ئېلان قىلىنغان ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى بىرىنچى ، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى بولۇپ باھالانغان ھەمدە « قارا ياقۇت» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
رىشات نائىلنىڭ خەتتاتلىق ئىش- ئىزلىرى 1993 -يىل 11- ئاينىڭ 23 – كۈنىدىكى «شىنجاڭ نېفت گېزىتى» دە تونۇشتۇرۇلغان. 1999- يىل 9- ئاينىڭ 9- كۈنى قارامايد ا ئۆز ئالدىغا خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان . ئۇ 2000 – يىلى شۆھرەت پازىل بىلەن مايتاغدا خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان . رىشات نائىلنىڭ خەتتاتلىق ئىش- ئىزلىرىنى مايبۇلاق ژورنىلىنىڭ 2001-يىللىق 4 – سانىدا تونۇشتۇرۇلغان. ئۇ ئاپتونوم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى ۋە قاراماي شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .