ياۋروپا ئىتتىپاقى ماكېدونىيەگە دۆلەت نامى تالاش – تارتىشىنى تېز ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى | |||
| |||
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى22-ئۆكتەبىر
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ترانا، 19 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ماكېدونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋان رومپۇي 19 – ئۆكتەبىر ماكېدونىيەنى قوشنا دۆلەت گىرېتسىيە بىلەن بولغان دۆلەت نامى توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشنى تېزدىن ھەل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىشكە دەۋەت قىلدى. ماكېدونىيە 1991 – يىلى سابىق يوگۇسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، ماكېدونىيە بىلەن گىرېتسىيە ئارىسىدا دۆلەت نامى تالاش – تارتىشى كېلىپ چىقتى. گىرېتسىيە: ماكېدونىيەنىڭ دۆلەت نامىدا ئېلىمىزنىڭ ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە زېمىن تەلىپى بارلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن، شۇڭا ئۇلاردىن ‹‹ دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش ›› نى تەلەپ قىلدۇق، دەپ قارىدى. 2008 – يىلى بۇخارېستتا ئېچىلغان ش ئا ئە ت باشلىقلار يىغىنىدا، ماكېدونىيەنىڭ ش ئا ئە ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى گىرېتسىيە بىلەن بولغان دۆلەت نامى تالاش – تارتىشى سەۋەبىدىن بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغانىدى. گىرېتسىيە: ‹‹ دۆلەت نامى مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، ماكېدونىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىمىز ›› ، دەپ تەھدىت سالغانىدى . |