رۇسىيەلىك ساھىبجامال جاسۇسنىڭ ئاشىقلىرى ئاشكارلاندى

خەۋەر مەنبەسى:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاختى:2010/9/15 بۇ خەۋەر جەمىئىي قىتىم كۆرۈلدى

 

مەنبە:شىنخۇا تورى               2010-يىلى15-سېنتەبىر

 


ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى» نىڭ 14-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 28 ياشلىق رۇسىيە ساھىبجامال جاسۇسى ئاننا.چاپمان پەرىشتىدەك چىرايى ۋە «ئاجايىپ» فىگورى بىلەن پۇتۇن دۇنيانى «زىل-زىلىگە سالغان» ئىدى. ئانناغا نىسبەتەن بىر ئەرنى ئۆزى ئۈچۈن «باش ئەدۈرۈش» ناھايىتى ئاسان ئىش ئىدى. ئاننانىڭ جاسۇسلۇق سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ رۇسىيەگە قايتۇرۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاشىقلىرىمۇ كەينى-كەينىدىن ئاشكارلاندى. ھەتتا ئاننا ئۈچۈن «چوقۇنغۇچىلار كۇلۇبى» ئېچىپ بەرگەنلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ھەتتا تا ھازىرغىچە ئاننانى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن.
ئاننانىڭ ئامېرىكىدىكى بۇرۇنقى يىگىتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاننانىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇلار رەت قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە «سېھرى كۈچى» بار بولۇپ، ئۇ قانداق كىيىم كىيىش، قانداق ياسىنىش ۋە ئەرلەرنى قانداق ئازدۇرۇشنى بىلىدىكەن.
ئانناغا «باش ئەگكەن» ئامېرىكىلىق ئەر مودىل دەننىس.خېدىت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئاننانىڭ تۇغما «ئەرلەرنى ئازدۇرغۇچى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇيىل 40 ياشقا كىرگەن ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى ۋە كىنو فىلىمى ئىشلىگۈچۈ لاسار.تىلاكىجمۇ ئاننا بىلەن «مەخپىي دوستلۇق» ئورناتقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دائىم ئانناغا ھەمرا بولۇپ ساياھەتكە چىقىدىكەن. تىلاكىج ئۆزىنىڭ ئاننا بىلەن سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا ئۇنىڭ بىر جاسۇس ئىكەنلىكىنى قەتئىي كۆرۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 


ئامېرىكا ئالاھىدە خادىمى  بىير.سىتەننىفۇد

بىراق ئاننانىڭ ئامېرىكىدىكى ئەڭ «تىپىك» يىگىتى، بۇرۇن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى ۋە ئالاھىدە خادىمى، نۆۋەتتە ئامېرىكا «لەھەڭ ئۆي-مۈلۈكى» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى (CEO) بىير.سىتەننىفۇد ئىكەن. بۇيىل 40 ياشقا كىرگەن سىتەننىفۇد ئاننا بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن. ئۇ تۇنجى قېتىم سودا ئىشلىرى يىغىنىدا ئاننانى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوشىنى يوقۇتۇپ قويغان ئىكەن.بىراق كېيىن ئاننانىڭ جاسۇس ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندا، ئۇ قانداق قىلىشىنى بىلمەيلا قالغان. ئامېرىكا ئالاھىدە خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاننا بىلەن ئالاقىلىشىپ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىغان مۇھىم شەخىسكە ئايلىنىپ قالغانلىقتىن