پەيزاۋات قوغۇنى سودا مەركىزىنىڭ 1–قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

خەۋەر مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى يوللانغان ۋاختى:2010/8/21 بۇ خەۋەر جەمىئىي قىتىم كۆرۈلدى

 

  19–ئاۋغۇست ، قوغۇنچىلار پەيزاۋات قوغۇنى سودا مەركىزىدە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرماقتا  

   پەيزاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقان پەيزاۋات قوغۇنى سودا مەركىزىگە 8 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، 1–قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى .  

   ئىگىلىنىشچە ، بۇ مەركەزنىڭ 2 – ، 3– قارارلىق قۇرۇلۇشى 2011–يىلى ، 2012–يىلى تاماملىنىدىغان بولۇپ ، بۇ سودا مەركىزى پۈتكەندىن كېيىن ، تەتقىقات ، سودا ، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ، شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ قوغۇن سودا مەركىزى بولۇپ قالىدىكەن .