تىزىملىتىڭ ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
|
|
|
|
|
|
|
|
|
لوئىساننا شىتاتىدىكى بىر ئورمان لىقتا ئالۋاستى بايقالدى
  •   تۈردىكى قىززىق نوقتا

     
  • ۋەششى خەۋەرلەر نى كورسىڭىز ئاستىدىكى خەتنى بىسىڭ

  •   مۇنبەر دىكى ئەڭ يېڭى تېمىلار

     
  •  لوئىساننا شىتاتىدىكى بىر ئورمان لىقتا ئالۋاستى بايقالدى

     

     

    بۇ ئەر تارتىلۋالغان «تۈكسىز مۇردا» نىڭ رەسىمى

    جوڭشىن تورى 12-دېكابىر تېلگىراممىسى تەيۋەن «بۈگۈنكى ئاخبارات تورى» نىڭ 12-دېكابىرىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا لوئىساننا شىتاتىدىكى بىر ئەر، يېقىندا ئۆزىنىڭ كېچىدە ئورمانلىقتا ئوۋ ئوۋلىغان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز بىر نامەلۇم نەرسىنىڭ ھەركەت قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇ بۇ نەرسىنى بىرەر ھايۋان دەپ قاراپ تېزلىكتە قوغلىغاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ كۆرگىنى كىنو ياكى كومپىيوتىر ئويۇنىدىكى قورقۇنۇچلۇق «تۈكسىز مۇردا» بولغانلىقىنى ئېيتقان.
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا لوئىساننا شىتاتى بىرۋېكقا يېقىن جايدىكى مورگان شەھىرىدە بىر سىرلىق «ھايۋان» بايقالغان، ئەينى ۋاقىتتا ئەتىگەن سائەت 1:00 ئاشقان ۋاقىت بولۇپ، بىر ئەر ئورمانلىقتا ئوۋ ئوۋلىغاندا، يېتىپ ھايۋاننىڭ چىقىشىنى كۈتكەن ۋاقىتتا، بىر ھايۋان تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ چىققان. ئۇ تەپسىلىي قاراپ، بىر ئادەم سىياقىدىكى «مۇردىنى» بايقىغان.
    بۇ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان ئوۋچى مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنى مەن ساقلاۋاتقان ئوۋ دەپ قاپتىمەن، ھەمدە تېزلىكتە بىر پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم، ئويلىمىغان يەردىن بۇنداق قورقۇنۇچلۇق نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن، ئىنتايىن قورقۇپ كەتتىم فوتۇ ئاپىراتىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئاپىراتمۇ بۇزىلىپتۇ».
    بۇ رەسىم توردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، تېزلىكتە تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. بەزىلەر، بۇ چوقۇم ئويدۇرما، مەلۇم كومپىيوتىر ئويۇنىدىكى مۇردىنىڭ رەسىمىنى PS رەسىم بىر تەرەپ قىلغۇچتا ياسىغان دېدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى كىشىلەر، مەلۇم مۇردا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىنونىڭ مەلۇم بۆلۈكىدىكى، ئورمانلىققا قويىۋەتكەن مۇردا سىياقىدىكى ئادەم دېدى.

    تېخىمۇكوپ تەپسىلاتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى خەتنى بىسىڭ 

    خەۋەر مەنبەسى:توردىن يوللانغان ۋاختى:2010/12/13 بۇ خەۋەر جەمىئىي قىتىم كۆرۈلدى