
19-ئاۋغۇست، چېڭدۇ چۇڭجۇۋ شەھىرى خۇەييۈەن بازىرىدىكى بىر كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ كەتتى
شۇ كۈنى سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، چېڭدۇ چۇڭجۇۋ شەھىرى خۇەييۈەن بازىرىدىكى ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ دەرياغا چۈشۈپ كەتتى. دەسلەپكى ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، بىر ئادەم قازا قىلىپ، يەنە بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشچە، بۇ كۆۋرۈك ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىئىي ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىردىن ئارتۇق ئىكەن. كۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشىگە بۇ قېتىم ياغقان يامغۇر سەۋەپچى بولغان بولۇپ، كەلكۈن توختىماستىن كۆۋرۈككە ئۇرۇلۇپ كۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.




|