50 مىڭ ھەسەل-ھەرىسى ساقچى ماشىنىسىنى «ئىشغال» قىلىۋالدى
خەۋەر مەنبەسى:شىنخۇا تورى
يوللانغان ۋاختى:2010/8/19
بۇ خەۋەر جەمىئىي قىتىم كۆرۈلدى
ئامېرىكا «كۈندىلىك تېلىگىراف گېزىتى» نىڭ 18-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، بۇلەندوئىن.جەنجىس ئىسىملىك ئامېرىكىلىق ساقچى نەچچە كۈن بۇرۇن بىر يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ تېلىفونىنى تاپشۇرۋالغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 60 ساندۇق ھەسەل-ھەرىسىنىڭ ھەرە ساندۇقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ياردەم سورىغان. ساقچى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىغا نەچچە تال ھەسەل-ھەرىسى ساقچى ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان. ساقچى بۇ «ئۈچ سەركەردە» نى ماشىنىدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغاندا باشقا ھەرىلەرنىڭ ئاچچىقى كەلگەن. نەتىجىدە 50 مىڭ ھەسەل-ھەرىسى ساقچىنىڭ ماشىنىسىنى ئورىۋىلىپ بۇ بىچارە ساقچى 3 سائەتكىچە ماشىنىدا سولىنىپ قالغان. ئاخىرىدا ئامالسىز قالغان ساقچى مەخسۇس ھەسەل-ھەرىسى باققۇچى كىشىلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزۋىلىنغان.