ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاراقاش ناھىيسىدىكى رابات ۋە لەڭگەرلەر تۇغرىسىدا
ئانا دىيار ئۈچۈن ئالغا !
دەرىجە: ئالي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 354
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 242
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە242دانە
شۆھرىتى: 1000866
پۇلى: 1001623 تەڭگە
تۆھپىسى: 10001
توردا: 362(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2009-05-31
ئاخىرقى: 2010-10-08
0  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-12 15:40

قاراقاش ناھىيسىدىكى رابات ۋە لەڭگەرلەر تۇغرىسىدا

قاراقاش ناھىيسىدىكى رابات ۋە لەڭگەرلەر تۇغرىسىدا

غەيرەت ئەخمەت

لەڭگەر پارسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى يولۇچىلار سەپەرجەريانىدا قونۇپ ئۆتىدىغان قونالغۇ، مەنزىل دېگەنلىك بولىدۇ. رابات ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى مېھمانخانا، ساراي، ئۆتەڭ، دەڭ دېگەندىن ئىبارەت.  

  قاراقاش تارىختىن بۇيان شەرق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدىكى بۈيۈك كارۋان يولى «يىپەك يولى»نىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، قاراشنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى خوتەن بوستانلىقىنىڭ بۇسۇغىسى ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك قاراقاش ناھىيىسىدە لەڭگەر-رابتلارنىڭ كۆپ بولىشىنى بەلگىلىگەن.
ھازىر  قاراقاش ناھىيىسى تەۋەسىدە لەڭگەرنامى بىلەن ئاتىلىدىغان ئۈچ جاي، رابات نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بىر جاي بار بۇلۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق شۇنىسى مەلۇم بولدىيكى، بۇ لەڭگەر، راباتلارئەسلىدە قەدىمكى دەۋرلەردە «يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ياكى قونالغۇلار بولۇپ، ئۇزاق ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەر  جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك نامىمۇ لەڭگەر ياكى رابات دەپ ئاتالغان.


ھازىر قاراقاش ناھىيىسىگە قارشلىق زاۋا يېزىسىنىڭ شەرقىي-شىمال تەرىپى، يېڭىدىن قۇرۇلغان يېزائىگىلىك 14-دىۋىزىيىسىنىڭ شەرقىي-جەنۇپ تەرىپىدىكى چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قەدىمىي خارابىلىك ئىزى بار، كىشىلەر بۇ خارابىلىكنى قۇم رابات، قۇمات پادىشاھىم، قۇمات پاششىم دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتايدۇ.

بۇ جاي «يىپەك يولى»دىكى گۇما بوستانلىقى بىلەن خوتەن بوستانلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قەدىمكى «ئۇلۇغ يول» ئۈستىدىكى مۇھىم راباتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جاينىڭ «قۇمرابات پادىشاھىم» دەپمۇ ئاتىلىشىدا،تارىخنىڭ مىلادى 960-يىلى ئىرانلىق ئىسلام ئۆلىماسى ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ دەۋىتى بىلەن ئىسلام دىينىغا كىرىپ، تارىختىكى بۈيۈك قارخانىلار خانلىقىنى قۇرغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بىلگە كۆل قادىرخان خوتەننى ئىسلامغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن زور قوشۇن بىلەن بىللە ئىمامى مۇھەممەت شاكىرخان قاتارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىنى ئېلىپ، مىلادى 1002-يىلى خۇتەنگە يۈرۈش قىلغان. بۇلار گۇمىدىن ئۇتۇپ دەل مۇشۇ قۇمراباتقا گەلگەندە بۇلارغا قارشى قوشۇن باشلاپ چىققان سەنسىۋىل،چۇقتۇرۇشت،نۇقتۇرىشت باشچىلىقىدىكى خۇتەن بۇددىسلىرى بىلەن بۇجايداقاتتىق جەڭ قىلغان، جەڭدە قارخانىلار قۇشۇنىنىڭ سەركەردىسى، دىنىي ئۆلىما ئىمامى شاكىرخان قازا تېپىپ، قۇمرابات ئەتراپىغا دەپنە قىلىنغان ۋە بۇ جاي كېيىنچە  خوتەن ئىسلاملاشقاندىن كېيىن كىشىلەر تاۋاپ قىلىدىغان چوڭ بىر مازارغا ئايلانغان، بۇ مازاردا نۇرغۇن كەپتەرلەر ماكانلاشقان بولغاچقا،كىشىلەر بۇ جايدىكى قۇمرابات بىلەن ئىمامى شاكىرخان مازىرىنىڭ نامىنى بىرلەشتۈرۈپ بۇ جاينى كەپتەرمازار، قۇمرابات پادىشاھىم دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان،

ئىسلام دىينى خوتەنگە سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ رايۇندا ئىسلام مەدەنىيتى كەڭ تارقالدى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئەرەپچە ئاتالغۇلار بارلىققا كەلدى.«رابات»دەل مۇشۇ ئىسلام مەدەنىيتى خوتەنگە كەڭ تارقالغاندىن كېيىنكى ئاتالغۇ بولۇپ، لەڭگەر، قۇنالغۇ، ئۆتەڭ، دەڭ دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ.دېمەك، قۇمرابات پادىشاھىم، قۇماتپاششىم دېگەن ئاتالغۇلار كېيىنچە تىل ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن  ئۆزگەرگەن ناملار بۇلۇپ، بۇ جاي نامى قىسقىراپ قۇمات پاششىم دەپ ئاتالغان. شۇڭا يەرلىك كىشىلەر بۇمازارنى كەپتەرمازار، قۇمات پاششىم دىگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا قاراقاش ناھىيسىدە يەنە «لەڭگەر» نامى بىلەن ئاتالغان جايلار بار. مەسىلەن: قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزىسدا لەڭگەكەنتى دىگەن بىركەنتە بار، بۇ كەنت قەدىمكى«يىپەك يولى» يەنى قەشقەردىن خۇتەنگە ئۆتىدىغان قەدىمكى كارۋان يولى «ئۇلۇغ يول» بۇيىدا بولۇپ، ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ جاي قەدىمكى يىپەك يولىنى بويلاپ كەلگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ توختاپ ياكى قونۇپ دەم ئېلىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان ئوت-سۈيى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋالىق بىر جاي.كېيىنچە بارا-بارا يىپەك يولى ئۆز سەلتەنەتىدىن قالغاندىن كېيىن، لەڭگەر بۇ كەنتنىڭ نامى بولۇپ قالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قاراقاش بازىرىغا تەۋە بايرام سۈيى ئۆستىڭىنىڭ بويىدا الەڭگەركەنتەدىگەن بىرجاي بۇلۇپ، بۇ جاي ناھىيە بازىرىغا 3 كىلۇمىتىركىلىدۇ. بۇ جايمۇ خوتەنگە ئۆتىدىغان كارۋان يولىنىڭ غەرىپ تارمىقى ئۈستىدىكى جاي بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ »يىپەك يولى»دىكى مۇھىم ئۆتكەنلەرنىڭ بىرى بولغان قاراقاش بوستانلىقىغا كىرىشتىكى مۇھىم ئۆتكەللەرنىڭ بىرى ئىدى، شۇڭا بۇ جايمۇ لەڭگەر دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

دېمەك، بۇ جايلار قەدىمكى كارۋن يولى ۋە قاراقاش دەرياسى ساھىلىدىن ئورۇن ئالغان، يەنە كېلىپ ئۇ قەدىمكى دەۋرلەردە مۇقەررەر ئۆتۈشمە ۋە قونالغۇ بولغاندىن تاشقىرى، بۇ يەردىكى لەڭگەر، راباتلارئەتراپىدا ئەتراپىدا ناھايىتى كۆپ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزنالىرى بار. مەسىلەن: تەكشۇرۇشكە قارىغاندا قۇم رابات خارابىسى، ئارقاساي خارابىسى، ئىمامى مۇھەممەت شاكىرخان قەدىمقى خۇمدان ئىزلىرى، تاڭ دەۋرىگەتۇغراكىلىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك قۇغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىگارلىق ئۇرنى بۇلۇپ، بۇجايدىن نەپىس ئىشلەنگەن ساپال پارچىللرى، مىس پۇل، ئەينەك پارچىللرى، قاشتىشى بۇيۇم پارچىللرنى ئۇچۇراتقىلى بۇلىدۇ. قاراقاش ناھىيسىدىكى لەڭگەر-راباتلار توغرىسىدا تارىخىي يازمىلار دىمۇ بىر قىسىم خاتىرىلەر بار.مەسىلەن؛«ۋىېينامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» تېبەتچە ،«ئۇدۇننىڭ بۇددىزىم تارىخى»ھەمدە مىلادى 401-يىلى خۇتەنگەكەلگەن راھىپ فاشەننىڭ خاتىرسى قاتارلىق تارىخى كىتاپلاردا ئۇز زامانىسىدا خۇتەن تەۋەسىدە 14 چۇڭ بۇتخانا بارلىقى، كالاباش تېغى، قۇمات ئىبادەتخانىسى، گۇڭباڭ، زامان، جۇدىر، دامادى، سالدى، گۇيجۇڭ قاتارلىق جايلاردا 333خىسلەتلىك بۇتخانا بارلىقى بۇنىڭ ئىچىدە قۇمات ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇزىدىلا ئۇچ مىڭدىن ئارتۇق راھىپ بارلىقى ، بۇلارنىڭ كۇپۇنچىسى ماھايانا مەزھىپىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئىلىنغان. قۇمرابات،ئاق لەڭگە تارىختىن بىرى خۇتەن بۇستانلىغىنىڭ جەنۇبى دەرۋازىسى ھىساپلىنىپ  كەلگەن. بۇ ۋادىدىكى قۇم رابات خارابىسى، ئارقاساي خارابىسى، ئىمامى مۇھەممەت شاكىرخان قەدىمقى خۇمدان ئىزلىرى ھەممەيلەنگە ئايان بۇلسىمۇ شۇ دەۋىرنىڭ قايناق ھاياتى ئاپىرىدە قىلىنغان پارلاق مەدەنىيەت ئىزنالىرى سۈپىتىدە ھازىر زۇمچەك -زۇمچەك قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا قۇمغا كۈمۈلۈپ  مەڭگۈلۈك ئۇيقىدا ياتماقتا .

قاراقاش ناھىيلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش ئورنىدىن:

                                                         غەيرەت ئەخمەت  

تور مەنبەسى-گۈلىستان تورى
دۇنيادا ياخشى نام قالدۇرۇش كېرەك
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 763
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
شۆھرىتى: 16
پۇلى: 157 تەڭگە
تۆھپىسى: 0
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-07-06
ئاخىرقى: 2010-09-12
1  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-12 17:39

بىز نىڭ مەھەللىنىڭمۇ نامى لەڭگەر ..   
نىمىسى نىمىكىن نامى لەڭگەر ئاتىلىدىغان جايلار بەكلا كۆپكەن...
ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى مەن شۇ ئەلتېكىن
دەرىجە: ئالي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 895
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە
شۆھرىتى: 1000539
پۇلى: 1001998 تەڭگە
تۆھپىسى: 10030
توردا: 469(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2010-07-14
ئاخىرقى: 2010-10-19
2  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-12 19:18

مەنمۇ قاراقاشتن  قاراقاش بەك گۈزەل جۇمۇ ~
[ bayawanتەرىپىدىن2010-09-12 20:21قايتا تەھرىرلەندى ]
يالغۇز تورى