1ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىقسۇ ( كونا ئاچچىقسۇ، ئاق ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ، ئەمما كۈچلۈك ئاچچىقسۇ بولمايدۇ) نى ئېغىزغا 1مىنۇتتىن3 مىنۇتكىچە ئېلىپ تۈكۈرۈۋېتىپ، ئاندىن چوتكىلىسا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، ئەمما چىش بەك ئاچچىق بولۇپ، ئۇيۇشۇپ قالغاندەك سېزىم ( بۇ خىل سېزىم 2 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ) بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇدا بىر قانچە قېتىم قىلىشقا، دائىم قىلىشقا بولمايدۇ، تەخمىنەن ئىككى ئايدا بىر قېتىم قىلسىلا كۇپايە. ئۇنداق بولمايدىكەن چىشقا پايدىسىز بولىدۇ، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ( مەسىلەن: ئۇچرىشىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى چىشنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا)، ھەم ئېغىز پۇراشنى تۈگىتىدۇ.
-2 ئاپېلسىن پوستىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ ئۈن قىلىپ، چىش پاستىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چىشنى چوتكىلىسا، چىشنى بەك تېز ئاقارتقىلى بولىدۇ.
3چىش چوتكىلايدىغان ۋاقىتتا، چىش چوتكىسىغا ئازراق ئېچىتقۇ سۈركىسە چىشنىڭ ئاقىرىشىغا ياردىمى بولىدۇ (بۇ مۇدىللار كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل).
-4چىشنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن، ھەر بىر تال چىشقا لىمون شەربىتى سۈركەپ ئېيتىۋەتسە چىش ئاقىرىدۇ.
5خام يەر ياڭىقىنى چايناپ ئېزىپ يۈتۈۋەتمەي يەر ياڭىقى كېپىكىنى چىش پاستىسى ئورنىدا چىشنى چوتكىلىغاندا، چىشنى ئاقارتقىلى بولىدۇ. -6سىياھ بېلىقىنىڭ سۈڭىكىنىئىزىپ چىش چوتكىسىغا سۈركەپ، چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتكەندە دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ ( سىياھ بېلىقى سىياھبېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ بەدىنىدە ئاق رەڭلىك بىر پارچە چوڭ سۈڭەك بولۇپ، تىرناقتا غىردىغاندا ئىنتايىن كۆپ ئاق رەڭلىك پاراشۇك ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ پاراشۇكنى چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتكەندە چىشنى ئاقارتقىلى بولىدۇ
مەنبە-تىبابەت تۇرى