تۆۋەندە مەن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئويۇنۇم: تور يوق كۈنلەردە ماڭا ھەمرا بولغان بىر باشلىۋالسام نەچچە سائەت ئوتتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن ئىمپىرىيە دۇنياسى(地球帝国)بۇ ئۇيۇننى ھەقىقى تۈردە چۈشىنىپ ئوينىسىڭىز ناھايىتى ئىسىل. تۆۋەندە ئانچە -مۇنچە چۇشەنچە بىرەي :
بۇ ئۇيۇنىڭ سىغىمى ئانچە چوڭ ئەمەس ئوتتىرھال كومپىيوتېرلاردا نورمال ئوينىغىلى بولىدۇ،بۇ ئويۇننى ئوينىغان كىشى ئۆزىنى بىر دۆلەتنىڭ زوڭتىڭىدەك،ياكى بىرەر قوشۇننىڭ سەركەردىسىدەك ھىس قىلىپ قالىدۇ،ۋە ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ دۈشمەن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىنى خالىسا ۋەيران قىلىدۇ،خالىسا ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. ئەلۋەتتە قوشۇنغا ئىگە بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس،بىر ئەسكەر نۇرغۇن ئاشلىق ،ياغاچ ،تاش قاتارلىق نەرسىلەر يىغىلغاندا ئاندىن گازارمىدىن چىقىدۇ. پۇقرا بولسا ئۆي سىلىش بىلەن ئەسكەرلەرگە كىرەكلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل.
ئەگەر سىز خالىغانچە ئوينايمەن دىسىڭىز 16دۆلەت بار شۇنىڭ بىرسىنى تاللايسىز( ھەربىر دۆلەت ئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە ئىگە) ھەم 15دەۋىرنىڭ قايسىسنى تاللىسڭىز مەيلى ئۇدەۋىرلار تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلىنىدۇ.سىز ئۇنۋىرسىت سىلىپ پەن-تىخنىكىنى راۋاجلاندۇرسىڭىز دۆلىتڭىز شۇنچە بالدۇر تەرەققى قىلىدۇ. نۇرغۇن دەۋىرلەرنى بىسىپ ئۆتۈپ ئاخىرى بىر ماشىنا ئادەملەر بار دەۋىرگە كەلگەندە توختايدۇ. ئىشقىلىپ ھەقىقەتەن ياخشى ئويۇن تۆۋەندە رەسىملىرىنى كۆرۈپ بىقىڭلار:
http://www.duotegame.com/soft/7669.html چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز يۇقىردىكى ئادرىسىقا كىرىپ 下载地址دىگەن يەردىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ