17- ئەسىرنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە جوڭغار قالماقلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشلىرى ئەۋخ ئېلىپ يۇقىرى پەللىگە يەتتى . چۈنكى بۇ دەۋردە جاھالەت پىرلىرى بولغان "ئاق تاغلىق " ۋە "قارا تاغلىق " غوجىلار مىللەتنى ئىچكى جەھەتتىن پارچىلاپ ، ئۆز ئارا ئۈستۈنلۈك ۋە سىياسىي ھوقوق تالىشىپ، سۇيقەست ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ،ناھەق قان تۆكۈپ سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۋېتىش قەستىدە بولدى. 1679 - يىلىغا كەلگەندە ئاپپاق غوجا جۇڭغار باسمىچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تارىختا 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، ئۆزى جوڭغارلارنىڭ قورچىقى بولدى. شۇنىڭ بىلەن مىللەت ۋە ئانا زىمىن جوڭغار باسمىچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قالدى. 1679 - يىلى قونتەيجى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا قومۇل بەگلىكىنى ئىستىلا قىلىش ئارقىلىق مانجۇ خانلىقىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش مەقسىتىدە قومۇلنى بېسىۋېلىپ ،قومۇل خەلقىنى ھاشارغا تۇتۇپ ، ھەقسىز ئىشلىتىش بەدىلىگە ئاستانە ، سۇمقاغا ، لاپچۇق ، قارادۆۋە قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان تۇرا ( قاراۋۇللۇق مۇنارى) ئۇشقۇرۇللارنى سالدۇردى. بۇ تۇر ۋە ئۇشقۇرلارغا ئورۇنلاشقان جوڭغار لەشكەرلىرى قومۇل خەلقىنى كۈندە بۇلاپ- تالىغاندىن باشقا ،يىلدا ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەمدە بۇلاڭ - تالاڭ ،قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ خەلق ئاممىسىنى دەھشەتلىك تۈردە خانۇ ۋەيران قىلدى. جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ ۋە قىرغىنچىلىقىدىن قاتتىق سورۇقچىلىق دەردىنى تارتقان خەلق ئاممىسى كۈندۈزى مورىلىرىدىن ئىس چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالماي قازان -قومۇش ، يېمەك - ئىچمەكلەرنى كۆمۈۋېتىپ چۆل - باياۋانلارغا قېچىپ كېتىپ ، كېچىلىرى يوشۇرۇن ھالدا كېلىپ تاماق ئېتىپ يىيىشكە مەجبۇر بولدى. خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقان بۇ خىل پاراكەندىچىلىك تۇرمۇش خەلقنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىداپ تۇرغۇسىز غەزەپ ۋە قارشىلىقىنى قوزغىدى. خەلق ئىچىدىكى سەۋر تاقىتى چېكىگە يەتكەن بىر قىسىم ۋىجدانلىق ئەل سۆيەر قەھرىمانلار خەلقنى بۇ خىل دەھشەتلىك زۇلۇم ۋە خورلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ، كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقتى. ئەنە شۇ ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئىچىدىكى قەھرىمانلارنىڭ بىرى- ياچىبەگ ئىدى . 1680 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا ياچىبەگ قومۇل باغداش ، ئارىتام دائىرىسدە قوزغىلىپ چىقىپ ، جۇڭغار باسمىچىلىرى بىلەن ئايلىنىپ يۈرۈپ ، ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىپ ،ئۇلارنى ناھايىتى زور چىقىمغا ئۇچراتقان. ئۆزلىرىمۇ ئۇلغىيىپ ، نەچچە مىڭ كىشىگە يەتكەن. جۇڭغار باسمىچىلىرى نۇرغۇن قېتىم ياچىبەگنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولغان بولسىمۇ ، لېكىن بىرسىدىمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن . ئاخىرى ئۇلار يەرلىك يۇقىرى قاتلام بەگ- تۆرىلەر ئىچىدىن ئوسمانبەگ ۋە سامانچىغا ئوخشاش شەرمەندە خائىنلارنى سېتىۋېلىىپ پىستۇرما قۇرۇپ ، ياچىبەگنى تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرۋەتكەن. شىر يۈرەك ئوغلانىدىن ئايرىلغان قومۇل خەلقى غەزەپلىنىپ خائىن سامانچى قاتارلىقلارنى تۇتۇپ ، تۇلۇمچە سويۇپ ، تېرىسىغا سامان تىقىپ ياچىبەگنىڭ قىساسىنى ئالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ،قۇمۇل خەلقى قەھرىمان ياچىبەگنىڭ جەڭگىۋار كۈرەش پائالىيىتىنى ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىشتەك ئۇلۇغۋار روھىنى مەدىھىيلەش يۈزىسىدىن ، ياچىبەگ داستانىنى ئىجاد قىلىپ ھەم ئاھاڭغا سېلىپ ئەسىرلەر مابەينىدە ئېيتىپ كەلمەكتە.
ئۆتكەن ئىدى ياچىبەگ بۇلاڭ تالاڭ زاماندا ، چېرىك بىلەن جەڭ قىلىپ ، كەتتى ئاخىرى ئارماندا .
ياچىبەگنىڭ ئۆيلىرى تۆرۈك تېغى ئەمتىدە ، ھىيلە - تاما يوق ئىدى، ياچىبەگنىڭ ئەپتىدە.
قونتاجنىڭ لەشكىرى ، سالدى خەققە سورۇقلۇق . سار سېلىشتى خالايىق ، ئۆي - ماكانى تۇرۇقلۇق.
قالدى يېمەك - ئىچمەكسىز، قاپلاپ كەتتى قۇرۇقلۇق . ھالىدىن كەتتى خالايىق ، تېپىلماي ھېچ ئوزۇقلۇق.
شۇندا چىقتى ياچىبەگ ، ئوڭ قولىغا نەيزە ئەپ. تاغلار ئارا يول سالدى، پالۋانلارنى ئارقىغا سەپ .
ياچىبەگنى كۆرگەنلەر ، سۇباتلىقكەن دەر ئىدى. گۈرزى - بازغان قوللىرى، يولۋاش كەبى ئەر ئىدى.
ياچىبەگ خوپ ئەر ئىدى ، يەتتە قۇلان يەر ئىدى . يەتتە قۇلان يەپ بولۇپ، يەنە بارمۇ دەر ئىدى .
ياچى دېگەن بىر كىشى، ئارقىسىدا مىڭ كىشى . ياچىغا ئېگىلمىسە، قۇتۇلالمايدۇ كىشى .
ياچى بېگىم ياچىدۇ، نەيزىسىنى سانجىيدۇ. ياچىغا ئىگىلمىسەڭ، توقماق بىلەن يانىدۇ.
قالماق خاننىڭ خېتىدە، "تۇتسۇن " دېدى ياچىنى . توغام -توغام يول توراپ ، چېرىك قويدى بارچىنى.
<<ھەر كىم تۇتسا ياچىنى ، مالدار قىلاي مەن ئۇنى. ئۆزۈم بىلەن تەڭ قىلىپ ، ھاكىم قىلاي مەن ئۇنى .>>
قالماق كېلىپ چىللىدى، ئوسمانبەگنى يېنىغا . ئوسمانبەگمۇ سېتىلدى، سەككىز مىسقال ئالتۇنغا.
مەن شۇ ئىشتا تۇردۇم دەپ ، ئەھدى قىلدى ئوسمانبەگ . ياچىنى تۇتۇڭلار دەپ ، يارلىق قىلدى ئوسمانبەگ .
تۇتماق بولدى ئوسمانبەگ ، ياچىبەگنى تىڭتىڭلاپ . تۇتالمىدى ياچىنى ، يۈگۈرسىمۇ پايپاسلاپ .
ئۇيان ئويلاپ ئوسمانبەگ ، بۇيان ئويلاپ ئوسمانبەگ . سامانچىنى ئالداشقا ، تۇتۇش قىلدى ئوسمانبەگ .
سامانچىمۇ سېتىلدى ، ئوسمانبەگكە قېتىلدى . كەينىگە چۈشۈپ ياچىنىڭ ، تۇتماق بولدى ئېتىلدى .
ياچىبەگنىڭ دادىسى ، سۇلايمان دېگەن بەگ ئىدى. ياچىبەگنىڭ سىڭلىسى ، سامانچىغا تەگكەنتى.
سوقلەت -سۆرۈن سامانچى ، ياچىغا بولدى كۈشەندى . نەپكە سېتىپ جېنىنى ، بولدى ئوسمان يالاقچى .
ياچىبەگنى توتماققا ، ئەھدى قىلدى سامانچى . بۇ ئىشلارنىڭ تەكتىنى ، بىلەلمىدى ھېچ ياچى .
ئوسمانبەگ سورىدى : <<ياچى دىگەن قايدا >>دەپ. جاۋاپ بەردى سامانچى ، <<تاغ ئارىسىدىكى باغدا >>دەپ .
ياچىبەگ قۇلان ئېتىپ ، كاۋاپ سالدى بېغىرنى . دالاماما ئالداپ كىرىپ ، كۆپ ئىچكۈزدى چىغىرنى .
سامانچى ئۇنى ئىزدەيتتى، ئۇندىن بۇندىن سوراقلاپ. تاغمۇ - تاغ ئارىسىدا ، يۈرگەن ئىدى ماراقلاپ.
چۈشۈپ كەلدى بىر كۈنى، تاغنى ئاتلاپ ياچىبەگ. بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز، كىردى يۇرتقا ياچىبەگ.
يېتىپ كەلدى شۇ كۇنى ، ياچى ئۆينىڭ تۈۋىگە . چۈشمەك بولدى شۇ ھامان ، سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە .
ياناي دىدى كەينىگە ، ئاتنى چېپىپ ئەمتىگە . شۇ چاغ كەلدى سامانچى ، ياچىبەگنىڭ ئالدىغا .
شۇ ئەسنادا ياچىغا ، ئۇچراپ قالدى سامانچى . << تېچ كەلدىڭمۇ ؟ >>دەپ ئۇنى ، ئىززەت قىلدى سامانچى.
<< بىزنىڭ ئۆيلەر تېنچ بولدى، چۈشۈڭ ئۆتۈڭ ياچىبەگ . ھېرىپ - ئېچىپ كەلگەنسىز ، سىنچاي ئىچىڭ ياچىبەگ >> .
ئۇيان ئۆتتى ياچىبەگ ، بۇيان ئۆتتى ياچىبەگ . ئامالسىزدىن شۇ ۋاقىت ، ئۆيگە كىردى ياچىبەگ .
تۇيغۇزمىدى بۇ ئىشنى ، سامانچىغا ئايالى . ياچىبەگنى تۇتقىلى ، قويمىدى ئارامىغا .
پۇرسەت تېپىپ تالاغا ، چىقىۋالدى سامانچى . خىيال سۈرۈپ شۇ ئۆيدە، يالغۇز قالدى بۇ ياچى .
ئۆتكۈر كۆزلۈك ياچىبەگ ، ئەتراپىغا سەپسالدى . كۆرمىسىمۇ ھېچ ئىشنى ، بىر ئىشنى تۇيۇپ قالدى .
سامانچى چىقىپ سىرتقا ، ھەر تەرەپكە قارايتتى . ياچىبەگنىڭ ئېتىنىڭ ، ئۇلاڭلىرىنى بوشاتتى .
شۇل ئەسنادا چاقىردى ، چاققان چىقىڭ ياچىبەگ . چىقىپ دەرھال ئېتىنى ، مىنمەك بولدى ياچىبەگ .
ئۆزەڭگىگە پۇت سېلىپ ، يىقىلىپ چۈشتى ياچىبەگ . ھىيلە - قىلتاق قاپقانغا ، چۈشۈپ قالدى ياچىبەگ .
بەلگە بەردى چېرىككە ، كۆرگەن ھامان سامانچى . مىڭلاپ چېرىك ئاتلاندى، تۇتماق ئۈچۈن ياچىنى .
چىرىك كېلىپ شۇ تاپتا ، قورشاپ ئالدى ياچىنى . سالما تاشلاپ بوينىغا ، تۇتۇۋالدى ياچىنى .
تۈرۈك تېغىنىڭ ئالدىدا ، توراپ ئالدى ياچىنى . ئەلەنجىگە قويماستىن ، باغلاپ ئالدى ياچىنى .
ياچىبەگنىڭ يۈرىكىنى ، ئەجەپ -ئەجەپ داغلىدى. سەكسەن كىشى يىغىلىپ ، ياچىبەگنى باغلىدى.
گۈر -گۈر بېسىپ كەلگەندە ، ھەيران قالدى ياچىبەگ . ھەسرەت بىلەن شۇ تاپتا ، پەرياد ئۇردى ياچىبەگ.
ياچىبەگنى تۇتتۇقمۇ ؟ قىماردىن بىرنى ئۇتتۇقمۇ ؟ پاتماس باتۇر ياچىبەگ ، ئەمدى قولغا چۈشتۇقمۇ ؟
بۇنى ئاڭلاپ ياچىنىڭ ، كۆزلىرى يېنىپ كەتتى . ياچىنى تۇتقان چىرىكلەر، ئۆزىدىن چۆچۆپ كەتتى .
غەزەپلەندى ياچىبەگ، سامانچىنىڭ ئەپتىگە ، <<كۆرۈشەرمىز >> دىدى ئۇ ، ئۆلگەندە قىيامەتتە .
بىر تىك بېقىپ قارىدى ، سامانچىنىڭ يۈزىگە . قوللىرىنى شېلتىدى ، سامانچىنىڭ كۆزىگە .
ئېلىپ ماڭدى ياچىنى ، ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى. ئاللا قۇلى دېگەن ئوغلى ، ئارقىسىدىن يۈگۈردى.
ياچىبەگ ئەخمەق ئىكەن ، بېلىدە چاقماق ئىكەن . ياچىبەگنى ئۆلتۈرگەن ، جالالىق قالماق ئىكەن.
ھەسرەت بىلەن خالايىق ، دۇئا بەردى دوستىغا . سامانچىنى تۇتۇۋېلىپ ، سامان تىقتى پوستىغا.
|