جىن شۇرېن(金树仁) (1941-1879) خەنزۇ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خېجۇۋ ۋىلايىتىدىن، مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مىلتارىست. جىنشۇرېن 1879-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ھازىرقى لىنشا خۇيزۇ ئوبلاستىدا تۇغۇلغان. 1914-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ناھىيە ھاكىمى بولغان. 1926-يىلى ياڭزېڭشىڭ تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۆلكىسى خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى قىلىپ تەيىنلىگەن. 1928 -يىلى 7-ئايدا ياڭ زېڭشىن پەنياۋنەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ھەربىي ھوقۇقنى تۇتىۋاتقان جىن شۇرېن دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ پەن ياۋنەننى تۇتقۇن قىلغان ،شۇنىڭ بىلەن شۇيىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جىنشۇرېننى شىنجاڭنىڭ رەسمى رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەن. جىن شۇرېن ھاكىميەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا كۆپىنچە بىر يۇرتلۇق خەنزۇلارنى ۋە ئۆزيېقىنلىرىنى ئىشلەتكەن بولغاچقا، ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ۋە باشقۇرۇشتىمۇ ياڭزېڭشىڭنىڭ يۇمشاق ۋاستە بىلەن بېقىندۇرۇش سىياسىتىگە ئوخشىمىغاچقا، خەلققە ھەممىلا جەھەتتە زۇلۇم ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان. بۇلۇپمۇ، مال-ئۇلاق سويۇش بېجى تاپشۇرۇش، ھەجگە بېرىشنى مەنئىي قىلىش قاتارلىق سىياسەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا جىن شۇرېننىڭ يۈرگۈزگەن يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتى قۇمۇلنىڭ چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان يەرلىك ۋاڭلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرىشىگە ئوت ياققان. 1931-يىلى قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن قورالىق قارشىلىق قوزغاپ، خوجا نىياز رەھبەرلىكىدىكى، ھەم ماجوڭيىڭنىڭ قوشۇلىشى بىلەن تۇرپان ۋەخوتەندىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلىڭى ئاقا-ئارقىدىن كۆتۈرىلگەن.ئۈزلىكسىز يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش مالمانچىلىقلىرىنىڭ تەسىرىدە جىن شۇرېنغا قارشى تۇرغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيگەن. 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ شىتاپ باشلىقى چېن جوڭ ، دىخۇا(ھازىرقى ئۈرۈمچى)مۇداپىئە قوماندانى بەي شوۋ، ئاۋئاتسىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى لى شىياۋ تىيەن، دىخۇا(ھازىرقى ئۈرۈمچى) ناھىيسىنىڭ باشلىقى تاۋمىڭيۆ قاتارلىقلار ھەمدە سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئېقىپ كەلگەنلەردىن تەشكىللەنگەنلەر بىرلىشىپ ھەربى ئۆزگىرىش قوزغاپ، دىخۇانى ئىگەللىدى ھەمدە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى لىيۇ ۋېن لوڭنى ۋاقىتلىق رەئىس قىلىپ سايلايدۇ. جىن شۇرېن ئەسكەر چىقىرىپ قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ھەربى قوماندان شېڭشىسەينىڭ خائىنلىق قىلىشى بىلەن مەغلۇپ بۇلۇپ چۆچەككە يۆتكىلىپ كېتىدۇ. شۇيىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى جىنشۇرېن سىياسى سەھنىدىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلايدۇ، ھەمدە سوۋىت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىدۇ،ئۇ سىبىرىيەدىن ئۆتۈپ گومىنداڭ ھۆكىمىتى تۇرۇشلۇق نەنجڭ شەھرىگە كېلىدۇ، 1935-يىلى ئۆز يۇرتى گەنسۇ لەنجۇغا قايتىپ كەلگىنىدە ئەيسا بەگ ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىق گومىنداڭ مىللى مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەزالىرىنىڭ پاكىت توپلاپ ئەرز قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ1941-يىلى تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. جىن شۇرېنغا تارىختا بېرىلگەن باھا ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەس. ئۇ ياڭزېڭشىڭنىڭ مىڭ تەسلىكتە پەسكويغا چۈشۈرگەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك زىدىيىتىنى يەنە بىرقېتىم ئۇلغايتىپ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن 1930-يىللاردىكى زور داۋالغۇش ۋەزىيىتىنى ۋە پاراكەندىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
|