ئوسمان مۇھەممەد
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھلىرىدىن بولغان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى يولۋاسخان قەشقەردە 30 يىل نائىپ خان بولغانىدى. مىلادىيە 1669،1670-يىللىرى، ئۇ ئاتىسى ئابدۇللاخاننى ئەرەبىستانغا مەجبۇرىي يولغا سېلىۋېتىپ، ئۆزى يەركەندە پادىشاھ بولدى. يولۋاسخان دۆلەت ئەركانلىرى ۋە پۇقرالارغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغاچقا، شۇ يىلىلا، يەنى 1670-يىلى 3-ئايدا ۋەزىرلەر تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. يولۋاسخان قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە، ئۇنىڭ بەگ- ۋەزىرلىرى ئاساسەن قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇللار ئىدى. ئەركە بەگ، ئەلى شاھ بەگ، ئېۋەزبەگ، دۆلەتبەگ، تۇرۇمتاي بەگ ۋە باباق بەگلەر شۇلار جۈملىسىدىن ئىدى. يولۋاسخان گەرچە سەككىز يېشىدا قەشقەرگە نائىپ خان بولغان بولسىمۇ، بالاغەتكە يېتىپ مۇستەقىل ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن لەشكىرىي ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپلەپ ئەسكەر ئېلىپ، ئۆز تەسىر- دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يۇقىرىدىكى بەگ-ۋەزىرلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىمۇ نۇرغۇن نۆكەرلەر بار بولۇپ، بەگلەر نۆكەرلىرى بىلەن ئۆز يۇرتلىرىغا (تاغ ئارىلىرىغا) يىلدا بىر نەچچە رەت بېرىپ تۇراتتى. يولۋاسخان ئاشۇ قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل بەگلەرنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە قەشقەردە يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۆزى باش بولۇپ، ئىچكىرىكى شەھەردىكى ئوردىنى سېپىل سىرتىغا يۆتكەشكە بۇيرۇپ، يېڭىدىن ئوردا بىنا قىلدۇردى ھەمدە بەگلەرنى ئوردا ئەتراپىدا ئۆي سېلىپ ئولتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئوردا ئەتراپىدا بىر مۇنچە كوچا، مەھەللىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. يېڭىدىن ياسالغان ئوردىنىڭ تاملىرى ئېگىز، ھەيۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈنلەي ئاق گەجدە ئاقارتىلغانىدى. ئوردا يىراق-يىقىنغا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.شۇڭا، بۇ يەر كېيىنچە «ئاق ئوردا» دەپ ئاتالدى. «ئاق ئوردا»نىڭ بىر تەرىپىدە يەنە «بامگىر قەبرىستانلىقى» بار ئىدى. نەتىجىدە، ئەزەلدىن كۆچمەن ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن قىرغىز ۋە ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل بەگلەر قەشقەر، يەركەن، بارچۇق قاتارلىق شەھەرلەردە ماكان تۇتۇپ قالدى. مەخمۇت جۇراسنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرىدە «ئەركە بەگنىڭ ھەمىشە تىلەيدىغىنى، ئىسلام شەھىرىگە ئۆي سالسام، دەيتتى. تەلىپىگە بىنائەن ھىجىرىيە 1080-يىلى ئىسلام شەھىرىدە ۋەتەن تۇتۇپ ئىناۋەتلىك قوماندان بولۇپ قالدى. ياخشى ئىشلارغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆللەرنى چاپتۇرۇپ، ساراي، كۆۋرۈك، مەسچىتلەرنى سالدۇرۇپ، مەملىكەتنى ئاۋات قىلدى» دېيىلگەن. يەنە قىرغىز بەگلىرىدىن دۆلەتبەگ، تۇرۇمتاي بەگلەرمۇ ئاق ئوردىنىڭ ئەتراپىدىن كوچا ئېلىپ، ئۆي سالدۇرۇپ، كۆل چاپتۇرۇپ، مەسچىتلەرنى بىنا قىلدۇردى. قەشقەر شەھىرىنىڭ ھازىرقى قۇمدەرۋازا كوچا باشقارما تەۋەسىدىكى «ئاق ئوردا» مەھەللىسىگە جايلاشقان «تۇرۇمتاي كۆلى» ئەنە شۇ تۇرۇمتاي بەگ كولاتقان كۆلدۇر.
«شىنجاڭ تەزكىرىسى» 2004-يىل 1-سان.
|