ئەنۋەر ئابدۇللا
بىز ئادەتتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار» دېگەن ئاتالغۇنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. قارىماققا، بۇ ئاتالغۇنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوقتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئوبدان ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئانچە مۇپىق بولمىغانلىقىنى، يەنى، ئۇنىڭ خەنزۇچىدىكى «生业学大» نىڭ خەتمۇ خەت تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا مەنا زىچلىقى بارلىقىنى بايقايمىز. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەيلى ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسۇن ۋە مەيلى خىزمەت ئىزدەۋاتقان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، يەنە ئۇلارنى «ئوقۇغۇچى» دەپ ئاتاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلارنى قانداق ئاتاش كېرەك؟ مېنىڭچە بۇلارنى «ئالىي مەكتەپنى پەتكۈزگەنلەر» دەپ ئاتىساق، ھەم دېمەكچى بولغان مەنىنى توغرا، تولۇق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ ھەم ئازراق بولسىمۇ گەپنى ئىخچاملىغىلى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى خەنزۇچىدا «生业学大» دەپ ئاتاش خەنزۇ تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسىپاىدلەش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، خەنزۇچىدا بۇ يەردىكى «生» نىمۇ چوقۇم تەرجىمە قىلىش ڭكېرەك، دەپ ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىۋېلىشىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. «生业学大» نى ئۇيغۇرچىدا «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر» دەپ ئاتىغاندا، بۇ ئاتالغۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ ئالدىدىكى ھەر قانداق سالاھىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. قىسقىسى، «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار» دېگەن ئاتالغۇغا مۇۋاپىق تەرجىمە قىلىنغان، كېلەڭسىز ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنى يەنىلا «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر» دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
|