داموللا سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە نۇرغۇن تالاش - تارتىشلىق پىكىرلەر بار. بەزىلەر ئۇنى خەنزۇچىدىكى چوڭ دېگەن سۆز بىلەن بىرىكىپ بىلىمى مول دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دېسە، بەزىلەر داموللا سۆزىنى ئەرەبچىدىكى"دام ئۇلاھۇ" ( ئۈستۈنلىكى ھەمىشە بولسۇن) دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن دەپ قارايدۇ.
يەنە بەزىلەر داموللا سۆزىدىكى"دا" سۆزى پارسچىدىكى"دەھ" (بەك، ئاجايىپ، تازا) دېگەن سۆزدىن، "موللا" (يەنى ئېغىر بېسىق، سالماق، بىلىملىك) سۆزىدىن كىرگەن بولۇپ، بەك بىلىملىك دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ دېيىشىدۇ. ھەتتا بەزىلەر "ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا "دەمىن ئۇنىۋېرسىتېتى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىنىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئۇنى پۈتتۈرگەنلەر "دىنىي بىلىمدە ئالىي مەلۇماتلىق" دېگەن مەنىدە "دەموللا" دەپ ئاتىلىپ كەلگەن" دەيدۇ. دىنىي ئۆلىمالار "داموللا" سۆزىنى ئەرەبچىدە " ئۇستاز، خوجا، ئىگەم، ئەپەندى" دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان "مەۋلا"دېگەن سۆزنىڭ ئالدىغا "دا" نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ھاسىل بولغان "يۇقىرى بىلىملىك زات" دېگەن مەنىنى بېرىدىغان سۆز، دەيدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا "داموللا" سۆزىنى ئەرەبچىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگۈچىلەر كۆپ. ئەمما ئەرەبچىدە داموللا سۆزى يوق. بىز دەۋاتقان "داموللا" نى ئەرەبلەر "شەيخ" دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا بۇ سۆزنى ئەرەبچىدىن كەلگەن دېيىش كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. "داموللا" سۆزىنى خەنزۇچىدىن كەلگەن دېيىشمۇ كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. چۈنكى ئىچكىرىدىكى خۇيزۇلار ئۆزىنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىنى "داموللا" دەپ ئاتىمايدۇ. ئۇلار "داموللا" سۆزىنى ئىشلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، "موللا" سۆزىنىمۇ ئىشلەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ئىماملىرىنى "ئاخۇن" دەپ، چوڭ ئۆلىمالىرىنى"دا ئاخۇن"دەپ ئاتايدۇ.
"نوپۇزلۇق ئۆلىمالارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، "داموللا" سۆزى ئەرەبچە بىلەن پارىسچىدىن كەلگەن بولۇپ، "ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگىلىگەن ئەھلى ئىلىم" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى "دا" سۆزى پارسچىدىكى "دەھ" (ئون) دېگەن سۆزنىڭ بۇزۇپ قوللىنىشى بولۇپ، "موللا" سۆزى ئەرەبچىدىكى "مەۋلا" (چوڭ ئۇستاز، خوجا، ئەپەندى) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. چۈنكى مەۋلا سۆزى ئەرەبچىدە "مولى"، پارسچىدە"مولا" شەكلىدە يېزىلىدۇ. ئۇيغۇرچىدا بۇ سۆز يەنە بىر "ل"ھەرپى قوشۇلۇپ، "موللا" دەپ ئوقۇلغان. موللا سۆزى ئوتتۇرا ئاسىيادا خېلى بۇرۇنلا قوللىنىلىشقا باشلىغان. بەزى ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم شەرىپىنىڭ ئالدىغا موللا سازىنى قوشىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. مەسىلەن: موللا مۇسا سايرامى، موللا بىلال، موللا ئەرشىدىن خوجا، موللا نەسىردىن، موللا زەيدىن دېگەنگە ئوخشاش. 13 - ئەسىردە ئۆتكەن دۇنياغا داڭلىق شائىر ۋە تەرىقەتچى ئالىم جالالىددىن رۇمىنىڭ تەخەللۇسىمۇ "مەۋلانا" ئىدى، ھىندىستاندىكى مەشھۇر قەدىمىي بىلىمگاھ "دەييۇبەند" مەدرىسىسىدە ئوقۇپ چىققانلارمۇ "مەۋلىۋى"دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىلاتتى. بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەبچىدىكى "مەۋلا" سۆزىنىڭ بۇزۇپ ئىشلىتىلىشىدۇر."
داموللا ئۇنۋانى تەلەب قىلىدىغان ئون تۈرلۈك ئىلىم ئۆلىمالارنىڭ ئېيتىشىچە، ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە سالچۇق تۈركلىرىدىن ھوقۇق تۇتقان باش ۋەزىر نىزامۇل مۇلك رىئاسەتچىلىكىدە 1065 - يىلى باغدادتا تەسىس قىلىنغان "نىزامىيە" مەدرىسىسىنىڭ دىنىي دەرسلەرنى ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئاساسىدا، بۇخارا ئىسلام دارىلفۇنۇنلىرىدا قېلىپلاشقان بىلىملەر ئون بولۇپ، ئۇلار: ئىلمى كالام، ئىلمى تەپسىر، ئىلمى ھەدىس، ئىلمى فىقھى، ئىلمى تەجۋىد، ئىلمى پەرائىز (مىراس تەقسىماتى ئىلمى)، ئىلمى مەنتىق (لوگىكا)، ئىلمى سەرپ (موفولوگىيە)، ئىلمى نەھۋى(گرامماتىكا)، ئىلمى مەئانى ( ئىستىلىستىكا) قاتارلىق ئىلىم تۈرلىرى ئىدى. بۇ ئون ئىلىمنى تولۇق ئىگىلەپ چىققانلار "داموللا" ( ئون ئىلىمدە توشقان زات) دەپ ئاتىلاتتى.
|