ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
« ۋەتەن » چۈشەنچىىسى ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ھەرخىل مەنىلەردە بۇلۇپ كەلدى . ئۇ كىيىنچە ھۆكۈمرانلىق سەلتىنەتلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئەمىر -پەرمانلىرى دەخلىسىز بولغان دۆلەتلەر ياكى دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرخىل خەلىقلەر ۋە مىللەتلەرگە ئورتاق رىشتە سۈپىتىدە تەكىتلەندى . شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى شۇ نەرسىنى ئىتىراپ قىلىدۇكى ، « ۋەتەن » ئىككى قاتلاملىق مەنىدىكى ئېتىنوگىيىلىك تامغا ۋە ئاڭدۇر . بىرىنچى ، ھەربىر كىشىنىڭ ئوز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياشاپ كەلگەن ماكان – جۇغراپىيىلىك چەمبىرىكىدۇر . بۇ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ، تارىخىي جۇغراپىيىلىك ، رىئال – ئىجدىمائىي جۇغراپىيىلىك ماكان چەمبىرى بۇلۇپ ، « ۋەتەن » كاتىگورىيىسىنىڭ تاشقى شەرتىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ ماكان چەمبىرىدە كۆز يۇرىتىدۇ . ئىككىنچىدىن ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياراتقان ، ۋارىسلىق قىلغان مىللىي مەدەنىيەت تىپى ، ئىتىنىك روھىيەت غەزىنىسى _ تىل ، فولىكلور ، ئەدەبىيات – سەنئەت ، ئۆرۈپ- ئادەت ، ئىقتىسادىي تۇرمۇش رىجىسى ، مىللىي تارىخى ، ئەقىدە – مىزانلىرى ، پەخىر – ئىپتىخارى ۋە ئار – نۇمۇس ئادەتلىرىدىن ھاسىل بولغان مىللىيەتلىك چەمبىرى بۇلۇپ ، بۇ « ۋەتەن » كاتىگورىيىسىنىڭ ئىچكى شەرتلىرىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ مىللىيەتلىك چەمبىرىدە تۇغۇلىدۇ ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ .
ھەربىر ئادەم مۇئەييەن « ۋەتەن » ۋە « مىللىيەتلىك » كە تەۋە بۇلۇپ ، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن بىئولوگىيىلىك تۈزۈلمىسى ، ئىجدىمائىي خاراكتىرىگە يۇشۇرۇن ئاڭ _ تۇغما جىسمانىي ۋە ھېسسىي تامغا باسقان بۇلىدۇ . ئۇنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئادەم بۇلالىشى ئۇمۇمەن ئۇ ياشىغان تارىخ مەزگىلىدىكى « ۋەتەن » ۋە «مىللىيەتلىك » قىمىتىگە باغلانغان .
« ۋەتەن » خۇددى ئانا قېلىپتەك ئۆزپەرزەنتلىرىنى يارىتىدۇ : ئوخشاشلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئانا « ۋەتەن » نىڭ ھال – ئەھۋالى ، قىممەت – ئىتىبارى ۋە تەقدىر قىسمەتلىرىنى يارىتىدۇ . ھەركىم ، ھەر ئائىلە ئۆز ھال - پەزىلەتلىرىگە يارىشا ياشىغىنىدەك ، ھەربىر مىللەتمۇ ھەممىدىن ئىلگىرى ئىچكى سەۋەپلىرى _ ئۆز تۈركىمىنىڭ ھال – پەزىلەتلىرىگە يارىشا تەقدىر قىسمەت كەچۈرىدۇ .
« ۋەتەن » نى تەشكىل قىلغۇچى تاشقى ماكان ۋە ئىچكى مىللىيەتلىكتىن ئىككى ئامىلدا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىچكى مىللىيەتلىكتۇر . ئەگەر بۇ ئامىل تارقاق ، نادان ۋە جاھالەت ئىچىدە قالغان بولسا ، تاشقى جۇغراپىيىلىك ماكان ئامىلى ئىستىلا ۋە دەپسەندە پەنجىسىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە زىت ۋاستىگە ئايلىنىدۇ . روشەنكى ، مىللىيەتلىك تىپىك خاسلىققا ۋە شۇ سەۋەپلىك باشقا مىللىيەتلىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشتىن ئۆزگە تەقدىرگە دۇچ كەلسىمۇ ، ماكان ۋە ئۇنىڭ بايلىقلىرى ھەرقانداق ئىتىنىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماي ئۆزلەشتۈرىلىدىغان ئوبىكىتتۇر . « ۋەتەن » نى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى ئامىلنىڭ بىر بىرىدىن ئاجرىلىپ كىتىشى بىر بىرىگە قارشى قىمەتكە ئىگە بۇلۇشى ، تارىخنى بۇرمىلاش ۋە يەرلىك مىللەتنىڭ ئىتىنىك مەدەنىيىتىنى ھاقارەتلەشتىن ئىبارەت غەيرىي نورماللىقنى جەزىملەشتۈرىدۇ . تەنتەنىلىك ئىبارىلەر بىلەن بىزەندۈرۈلگەن بۇ تارىخى يۈزلىنىشنىڭ پاجىئەلىك ماھىيىتىنى كۆرمەسلىك ھەقىقەتتىن مەھرۇملۇقتۇر . بۇ پاجىئە ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش ساتقۇنلۇقتۇر .
« ۋەتەن » تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىش ، ئۆز ماھىيەتلىرىنى ئىزدەش ، يۇرۇقلۇق ۋە ھەقىقەت ئىچىدىكى ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ . بۇ ئۇلۇغ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە « ۋەتەن » ۋە مىللەتنىڭ نۇرانە ئىقبالىدىن غايەت زور مۇمكىنلىكلەرنى يوققا چىقارمايدۇ . روشەنكى ، ھەرىكەت ئالەمنىڭ تىنىقى ، ئۆزگىرىش جاھاننىڭ بىقارار قىياپىتىدۇر . مۆجىزە _ شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ چىكىگە يەتكەندىكى قايرىلىپ تەبەسسۇم قىلىشىدۇر . تارىخ ھەرقانداق پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنىڭ ھلاك قىلغۇچى سەۋەبلىكىنى ئەزەلدىن نامايىش قىلىپ كەلگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن بىراخمان دىنىدىكىلەر كۆپ قوللۇق سىۋا ئىلاھىنى ھەم ئالەم بىنە قىلغۇچى ھەم ئالەمنى ھالاك قىلغۇچى مۇئەككەل دەپ ئىتقاد قىلغان ئىدى .
ھەرقانداق مىللەت مىللىي تارىخىنى ، ۋەتەن تارىخىنى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ھۇقۇقىغا ئىگە . بۇ تۇلىمۇ نورمال ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن ئىنسانىي ھۇقۇق قارىشىدۇر . ھەرقانداق ۋاستىلەر بىلەن بۇ ھۇقۇقنى بوغماق ، ھاقارەتلىمەك ۋە بۇرمىلىماق زىمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە مىللىي شوۋىنىزىم ئالامىتى بۇلۇپ ، ئۇمۇملۇق جەھەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە زىت زوراۋانلىقتۇر . مىللەتلەرنى مىللەتلەرگە ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر – بىرىگە قارشى قۇيۇش بىلەن مىلەتلەرنى ، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى ، بۇلاردىن تەبىئىي يۇسۇندا كىلىپ چىقىدىغان ھۇقۇقى مۇمكىنلىكلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋىجدانسىزلىق ، ئادالەتسىزلىك ۋە قەستىكارلىق ھېسابلىنىشى لازىم . بۇ قائىدىلەر ئۇچۇق – يۇرۇق كۈچكە ئىگە بولمىغان جايدا سۆزلەنگەن مۇقەددەس ئىبارىلەر سۈنئىي ياساندۇرۇلغان ساختىلىقتىن ۋە بۇ ساختىلىقنىڭ ئۆز – ئۆزىنىئاشكارلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . خەلىقلەر ئارىسىغا ئۇنىڭ مەلۇم قىسمى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ ، ئۇنىڭ مەلۇم يەنە بىر قىسمىغا قارشى تۇرۇشنى ئىدىيە ، روھىيەت ۋە دىپلۇماتىك سىياسەت قىلىۋېلىش ئاتالمىش « يىراقتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ، يېقىندىكىلەرگە ھۇقۇم قىلىش تاكتىكىسى » دۇر . بۇنداق قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ جاھالەت دەۋرىگە خاس بۇلۇپ ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھازىرقى زامان جاھالىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .
تارىخ تۇلىمۇ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى . ئۇنىڭ كەلگۈسىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن . ئىنسانىيەت تېخى ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر ئىنسانىيەتكە ئايلىنىپ بۇلالمىغان بولسىمۇ ، بۇ جەريان ئۇچقۇر ۋاقىتقا ئەگىشىپ تەدرىجىي يۈز بەرمەكتە . ئاقىلانە ئىنساننىڭ بۇرچى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدىكى ھازىرقى تارىخنى تېخمۇ ئىنسانىيلىككە ، ئۇنىڭ ئەركى ۋە كىشىلىك قىمىتىگە لايىق قىلىپ يارىتىشتىن ئىبارەت . كەلگۈسىنىڭ كۈچلۈك مەسخىرىسى ۋە مەدىيىسى خۇددى قىيامەت كۈنىدىكى ھۆكۈم لەۋھەلىرىدەك ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان ھۆكۈمدۇر . ھەرقانداق ھاكىمنىڭ سەلتەنەت تەختى – تاجى ، ھەرقانداق پېقىر مەھكۇمنىڭ گادايلىق ھاسا – تاۋىقى ، ھەر قانداق مەدىھىيات ياكى ھاقارەت سالنەمىلىرى بۇ ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان يەكۈننىڭ ھەقىقەت نۇرى ۋە مۇقەددەس كۈچى ئالدىدا ئاجىزدۇر .
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ « قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
|