ماھمۇد زەيىدى
(ئەدەبىي پارچىلار)
نورۇز - كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن مەزگىل.
نورۇز - تەبىئەت ئويغىنىش بايرىمى - شىجائەت، شادلىق بايرىمى، دوستلۇق بايرىمى. بۈيۈك كۆۋرۈك. بۇ كۆۋرۈك بىلەن خەلقلەر دوستلۇقى ئەسىرلەرگە تۇتاشقان. نورۇز ھەققىدە بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئالىم مەھمۇت كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا قوشاقلاردىن مىسال كەلتۈرگەن. ئەلشىر نەۋائى: نورۇز يىل بېشى، شادلىق ئەيياسى، دېگەن. لۇتفى: «گۈل ۋە نەۋرۇز» ھەققىدە داستان يازغان. يىلنىڭ بېشى گۈل پەسلى نورۇز، دوستلار ئارا دىل مېھرى نورۇز. بۇلاقلارنىڭ مەۋجىدە نورۇز، مۇقاملارنىڭ ئەۋجىدە نورۇز. چېچەكلەرگە كۆمۈلەر جاھان، جان - جانىۋارلار تاپىدۇ دەرمان. نورۇز قەدىمكى زاماندا ئەجدادلار كۆك بايرىمى، كۆك مەشرىپى، دەپ ئاتىغان 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەندە كۆك مەشرىپى پائالىيىتى بولۇپ تۇرغان. مىلادى 3- ئايدا سەھرا ئاھالىسى چوڭ بىر مەيدان تۈزۈپ نورۇز خاتىرىسىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. نورۇز كۈنلىرىدە ئاھالە ئومۇميۈزلۈك ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىن پاكلىنىپ، يېڭى روھ، ئۈمىدلەر بىلەن تىرىكلىچلىكنى باشلىغان. نورۇز خاتىرىسىگە ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلغان. مەيدانلار تۈزۈپ ھۈنەر - سەنئەتلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان. ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. شۇنداق، نورۇزنىڭ تارىخى ئۇزۇن. خاسىيەتلىك نورۇز قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ، دەپ تاڭ شامىلى يوللارنى سۈپۈردى. توپا - چاڭلارنى بېسىلسۇن دەپ ئاسمانمۇ يامغۇرنى تۆكتى. گۈل - گىياھلار يامغۇر شەربىتىنى ئېچىپ ياشاردى. باغلار نورۇزنى قارشى ئېلىپ تەبەسسۇم بىلەن گۈل - چېچەكلىرىنى گۈلدەستە قىلىپ تۇتتى. پۈتكۈل كائىنات، ئاسمان پەرىشتىلرى، ھەسەن - ھۈسەنلەر گۈل - گىياھلاردىن كەشتىلەنگەن لىباسلىرىنى، گىلەملىرىنى پايانداز قىلدى. قۇشلار ۋىچىرلاپ، شاختىن - شاخلارغا سەكرىشىپ نەغمە، ساز قىلىشتى. سۇلار ئېرىقلاردا ئويناقلاپ، تاشتىن - تاشقا ئۇرۇلۇپ ئۈنچە - مارجانلىرىنى چېچىشتى. |