
مەككە مۇكەررەمە - ئىسلام دىنى دۇنياغا پارلىغان مۇقەددەس جاي. پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن مۇسۇلمان خەلقنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان مەنىۋى مەركىزىدۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ نامازلىرىدا، دۇئالىرىدا ۋە باشقىمۇ دىنى پائالىيەتلىرىدە يۈزلىنىدىغان قىبلىسى - كەبە مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە جايلاشقان. بۇ ئاخىر زامان پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان ئۇلۇغ شەھەر.
مەككە ئەرەبچە سۆز بولۇپ "شوراش"، "ئېمىش"، "شۈمۈرۈش"دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. مەككە يەنە قۇرئان كەرىمدە"بەككە"دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مەككە ئىلگىرى جانلىق ياشىمايدىغان قاقاس ۋادى بولۇپ، مىلادىيىدىن تەخمىنە 2000 يىللار بۇرۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئەكىلىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ جايدىن زەمزەم بولىقى چىقىشى بىلەن يىراقتىكى قەبىلىلەر كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىشى بىلەن مەككە مۇكەررەمە شەھىرى بارلىققا كەلگەن. شۇ ۋاقىتتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان قەبىلىلەردىن ئۆيلەنگەن ۋە ئىسمائىل نەسلىدىن ئەرەبلەر بارلىققا كەلگەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەلەستىندە ئۆتكەن كىچىك ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن ئىسرائىل ئەۋلادى بارلىققا كەلگەن. شۇڭا ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىككى بىر تۇغقاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەۋرات بىلەن ئىنجىلدا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام نەسلىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئاللاھ ئىسمائىل ئوغۇللىرىدىن كەنانە قەبىلىسىنى تاللىدى، كەنانە قەبىلىسىدىن قۇرەيشنى، قۇرەيشتىن ھاشىم ئوغوللىرىنى، ھاشىم ئوغوللىرىدىن مېنى تاللىدى" دېگەنلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ ئىدى".
مەككىنىڭ مۇسۇلمانلار قولىغا ئۆتىشى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 8 - ھىجرىيە (مىلادىيەنىڭ) 629 - يىلى مەككىنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەر ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس مەركىزىگە ئايلانغان. شۇنىڭدىن بىرى بۇ شەھەر مۇسۇلمانلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلمەكتە. مىلادىيە 16 - ئەسىردە مەككە مۇكەررەمە شەھىرى پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن بىرلىكتە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا ئۆتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەرەب يېرىم نەجىد ۋە ھىجاز قىسىملىرىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ھىجاز قىسمى شۇ ۋاقىتتىكى مەككە ھۆكۈمدارى ھۈسەين ئىبنى ئەلى دېگەن كىشىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1924 - يىلى نەجىدنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىز ئەل سەئۇد ھىجاز تەۋەلىكىگە ھەربى يۈرۈشى قىلىپ ھىجاز رايونىنى قولىغا ئالىدۇ ۋە نەجىد بىلەن ھىجازنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ قرالى دەپ جاكارلايدۇ. 1932 - 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ھازىرقى سەئۇدى "ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى"نى ئېلان قىلىدۇ. شۇندىن بىرى مەككە مۇكەررەمە شەھىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلمەكتە.
مەككە شەھىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى مەككە مۇكەررەمە شەھىرى ئۇلۇغ كەبە جايلاشقان جاي بولغانلىقتىن، بۇ شەھەردە گۇناھ ۋە مەسىيەتلەرنى ئىشلەشنىڭ گۇناھى باشقا جايلاردىكىدىن ئەلۋەتتە ئېغىر بولىدۇ. مەككە مۇكەررەمە شەھىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلاپ ئۇرۇش قىلىش ۋە قان تۆكۈش مەنئى قىلىنغان جاي.
بۇ شەھەرگە مۇسۇلمان بولمىغانلار كىرەلمەيدۇ. باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە كىرىشى ئەدەب بىلەن رەت قىلىنىدۇ. ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش جەريانىدا سادىر بولغان خاتالىقلارنى يۇيۇش ۋە نۇقسانلىقلارنى تولۇقلاش يۈزىسىدىن كېلىدىغان كاپارەت (ماددىي جازا) پەقەت مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ پۇقرالىرىغا بېرىش بىلەنلا ئادا تاپىدۇ. ھەج ياكى ئۆمرە قىلماقچى بولغانلارنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە ئىھرام باغلىماستىن كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. مەككىنىڭ دەل - دەرەخلىرىنى، گۈل - گىياھلىرىنى ئۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.
|