ئادەمنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى ياشلىقىدىكى جۇشقۇنلۇقى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئۇنتۇلغۇسىز ياشلىق ئەسلىمىلىرى خۇددى ئاۋازسىز كىنودەك كۆز ئالدىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتىدۇ. ئەمما كوچا - كويلار بولسا ناھايىتى «قېرىپ» مۈكچىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا «ياشلىق» تىكى جۇشقۇنلۇقىنى يوقاتمايدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىچىلا ئۆزگەرمىگەن چوڭ - كىچىك كوچىلار، رەڭلىرىنى ئاللىقاچان پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ئىشىك - دېرىزىلەر ئادەمگە ئۇنتۇلغۇسىز بىر تارىخنى ئەسلىتىدۇ. بۇ يەردە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان كىشىلەر بۇ كوچىنىڭ سان - ساناقسىز ئۆتمۈشى ۋە ھازىرنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئادەمنى مەھلىيا قىلىدۇ. بۇ بولسىمۇ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدىكى قەدىمىي كوچىدۇر. ناھىيىدىكى چوڭ كوچىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ھازىرقى زامانغا خاس ئۇسلۇب بىلەن سېلىنغان بىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يولنىڭ سول تەرىپىنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭ بويىدا قاتار - قاتار ئۆسكەن ئېگىز تېرەكلەر بولۇپ، باشقىچە بىر دۇنيا ئىدى. بازاردىكى ئالارمەن - ساتارمەنلەرنىڭ ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالغان بولۇپ، بېشىغا ياغلىق چىگكەن ئاياللار يەرگە پالازنى سېلىپ ئولتۇرۇپ ئۆزلىرى باققان يەرلىك توخۇنىڭ تۇخۇملىرى سېلىنغان يىشىكلەرنى ئالدىغا قويۇۋېلىپ يولدىن ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. بېشىغا ئاق دوپپا كىيگەن موزدۇزلار بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرۇپ يىرتىلغان ئاياغلارنى ياماۋاتاتتى. ئايىغىنى يامىتىشقا بەرگەن ئاياللار يىڭنە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئايىغىنى بالدۇرراق كىيىپ بازارغا بېرىشقا ئالدىرايتتى. ئۇلارنىڭ نېرىسىدىلا بىر قول ھارۋىسى بولۇپ، ئۈستىگە گۈللۈك رەختلەر ئورالغان، تۇرخۇنى بار مەش قويۇلۇپ، چوڭ - چوڭ جاۋۇرلاردا ئۆپكە - ھېسىپ، كاللا - پاقالچەكلەرنىڭ ئىسسىق ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. ساتارمەن ئايال ئالدىراشلىق بىلەن ياندىكى ئەمبەلدە ئۆپكە - ھېسىپلارنى توغراپ، لازا - ئاچچىقسۇلىرىنى تەڭشەپ ناھايىتى چاققانلىق بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئالدىغا قويۇۋاتاتتى. ئەتراپقا تارالغان بۇ مەززىلىك پۇراقلاردىن ئادەم ئىختىيارسىزتوختاپ قالاتتى. يەنە بىر تەرەپتە ھارۋا ئۈستىدىكى ئەمبەلدە تونۇردا دۈملەپ پىشۇرۇلغان كاۋىلار تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ياندا بېشىغا قارا كۆرپە قۇلاقچا كىيگەن يەتتە - سەككىز ئەر كىشى قوللىرىدىكى كاۋىلارنى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى. ئىككى تەرەپتىكى يايمىنىڭ ئارىلىقى پەقەت ئىككى مېتىرلا بولسىمۇ، بەك قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتمەيدىكەن، بۇ يولدىن موتسىكلىت ۋە ئېشەك ھارۋىلىرىمۇ بىمالال ئۆتەلەيدىكەن. بىر كىلومېتىر دائىرىگە سوزۇلغان مۇشۇ كوچىنىڭ بەزى يەرلىرى كەڭ، بەزى يەرلىرى تار ئىكەن. ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر كىشى ئىشىك ئالدىغا سېلىنغان تونۇر يېنىغا قويۇلغان چوڭ شىرەدە ئولتۇرۇپ ئوخشىتىپ يېقىلغان قېلىن گۆشناننى پىيالىدىكى چاي بىلەن مەززە قىلىپ يېمەكتە، بىر توپ ئادەملەر ئوخشىتىپ پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋىپى يېنىغا ئولىشىپ ماڭا ئاۋۇ يەردىن دېسە، ماڭا ماۋۇ يېرىدىن دەپ بەس - بەستە ئالماقتا ئىدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە سېتىشقا تىزىپ قويۇلغان مىستىن ياسالغان ھەرخىل بۇيۇملار رەڭلىك لېنتىلارنى تاقىغان گۈزەل قىزدەك ئادەمنى بۇ كوچىنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىشقا ئۈندەيتتى. مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈنچى قايناقلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ كوچا ئادەتتە ناھايىتى تىمتاس ئىدى. بۇ كوچىدا خام كېسەكتە ياكى سوقما قىلىپ سېلىنغان ساپال رەڭ ئۆيلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەمگە سىرلىق ئوردىنى ئەسلىتەتتى. توپا كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كوچىنىڭ كەڭلىكى بىر مېتىر بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە سۇۋاقلىرى چۈشۈپ، ئۇزۇن يىللىق بوران - چاپقۇنلارنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرغان ئېگىز تاملار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. كوچىنىڭ پاكىزلىقىدىن ھازىرلا سۇ چېچىپ چىنىدەك تازىلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. يەنىمۇ ئالدىغا ماڭغاندا كوچا كەڭرى ئىكەن، ئىككى تەرەپتىكى قورۇلارنىڭ دەرۋازىلىرى تىپىك ئۇيغۇر پاسۇنىدا ياسالغان، سىرلىنىشىمۇ مىللىي خاسلىققا ئىگە بولۇپ ئادەمنى ئاجايىپ بىر سىرلىق تۇيغۇغا ئىگە قىلىدىكەن. ئىشىك ئالدىلىرىدا چاچ - ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بوۋايلار ئاپتاپ سۇنغاچ ھەمسۆھبەت بولسا، مەكتەپتىن قايتقان بالىلار بالىلىق خوشاللىقلىرى بىلەن مەشغۇل ئىكەن. دېمەك بۇ قەدىمىي كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەنە شۇنداق تىنچ ، خاتىرجەم بولۇپ ئۇلارغا ھاياتىنىڭ ھەقىقىي خوشاللىقىنى ئاتا قىلىدىكەن. رۇقىيە تەرجىمىسى
|