شېرىن قۇربان
سەدىردىن ئەينى (1878 - 1954) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق تاجىك يازغۇچىسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى. ئۇ بۇخارا يېنىدىكى سوقتۇرا يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 12 يېشىدا بۇخارا شەھىرىگە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ دەسلەپتە مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن نەشرىيات ئورۇنلىرىغا كىرىپ مۇھەررىرلىك قىلغان ھەم تەدرىجىي ئەدەبىيات ئىجادىيىتى يولىغا قەدەم تاشلىغان. سەدىردىن ئەينى ھەم تاجىك تىللىق يازغۇچى ھەم ئۆزبىك تىللىق يازغۇچى. ئۇ 1894- يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان ئۇنىڭ «ھۆرىيەت مارشى» ۋە «ئۆكتەبىرگە مەدھىيە» ناملىق شېئىرلىرى ئۆز دەۋر تاجىك ياشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. يازغۇچىنىڭ «ئادىنا» (1924- يىلى) ناملىق پوۋېستى، «داخۇندا» (1930- يىلى) رومانى بىلەن «قۇللار» (1934- يىلى) ناملىق رومانى ئىپوس خاراكتېرلىك تىرىلوگىيە دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر تىرىلوگىيىدە تاجىك خەلقىنىڭ 300 يىلغا يېقىن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «سۈتخورنىڭ ئۆلۈمى» (1939- يىلى) ناملىق پوۋېستىدا، بىر جاللاتنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق كونا جەمئىيەتنىڭ مۇقەررەر يوقىلىدىغانلىقى ئوبرازلىق كۆرسىتىلگەن. سەدىردىن ئەينىگە زور شان - شەرەپ، ئاتاق - ئابرۇي ۋە ئىززەت - ھۆرمەت ئاتا قىلغان رومان - «بۇخارا خاتىرىلىرى» دۇر. ئاپتور مەزكۇر روماننى بەش كىتاب قىلىپ يېزىشنى پىلانلىغان. ئۇ ئۈچ كىتابنى يېزىپ، تۆتىنچى كىتابقا تۇتۇش قىلغاندا، ئەجەل تۇلپىرى ئۇنى باقىي ئالەمگە ئېلىپ كەتكەن. «بۇخارا خاتىرىلىرى» نىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، يازغۇچى ئۆزىنىڭ كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى، ئۆزىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى، ئۆزىنىڭ غايە - تەسەۋۋۇرىنى ئىپادىلىگەن. روماننىڭ ۋەقەلىكلىرى كۆپرەك بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ فېئوداللىق ئىستېداتلىق دەۋرىدىكى ئىشلارغا، تاجىك خەلقىنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈرمىشلىرىگە مەكەزلەشكەن. روماننىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى، كومپوزىتسىيە - قۇرۇلمىسى، مەۋقە - مەزمۇنى، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ماتېرىياللىرى، بايان - تەسۋىر تىلى، ئۇسلۇب ئىستىلى ئېنىق بولۇپ،رومانچىلىق نەزەرىيىسى تەلىپىگە يەتكەن. شۇ سەۋەبلىك، روماننىڭ ئالدىنقى ئۈچ كىتابى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلىدە ئاجايىپ تەسىر ۋە ئىنكاس قوزغىغان. بىرىنچىدىن، «بۇخارا خاتىرىلىرى» تاجىك تىلىدىن رۇس تىلى، ئۆزبېك تىلى، تۈركمەن تىلى قاتارلىق 20 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. شۇ قاتارىدا ئى. ئەخمەتوۋ «بۇخارا خاتىرىلىرى» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. 1954- يىلى «يېڭى ھايات» ژۇرنىلى نەشرىياتى بۇ روماننى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بۇ رومان رايونىمزدا تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. ئىككىنچىدىن، ئەينى چاغ س س س ر مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 1949- يىلى سەدىردىن ئەينىگە 2- دەرىجىلىك «ستالىن مۇكاپاتى» بېرىلگەن. ئۈچىنچىدىن، سەدىردىن ئەينىنىڭ ئورنى ۋە ئابرۇيى بارغانسېرى ئۆرلەپ بارغان. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، تىل - ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، تاجىكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پرىزىدىنىتى، ئۆزبېك س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى ئاكادېمىكى، س س س ر ئالىي سوۋېتىنىڭ ۋە تاجىكىستان ئالىي سوۋېتىنىڭ دىپوتاتى بولۇپ سايلانغان. تۆتىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىر مۇنچە مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى سەدىردىن ئەينىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تاجىكىستان دۆلىتىدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزى ئايروپورت، كۇتۇپخانا، نەشرىيات، كىنوخانىلارنىڭ نامى ئەينىنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئاتالماقتا. بەشىنچىدىن، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئېنسىكىلوپىدىيىلەر، قامۇسلار، لۇغەتلەر، ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن تاجىكلارنىڭ يېقىنقى - ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى سەھىپىسىدە سەدىردىن ئەينى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىنىپ بايان قىلىنىدۇ ۋە ئەسەرلىرىنىڭ كاتولوگى كۆرسىتىلىدۇ. تالانتلىق قەلەم ئىگىسى، تارىخچى، تىلشۇناس ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى سەدىردىن ئەينى ئېلىمىز جۇڭگو جۈملىدىن شىنجاڭ رايونىدىمۇ يۇقىرى ئاتاق ۋە ئىجابىي تەسىرگە ئىگە. ئۇنىڭ «بۇخارا خاتىرىلىرى» ناملىق رومانى «بۇخارا» نامى بىلەن 1957- يىلى شاڭخەي كىتابچىلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان. «بۇخارا خاتىرىلىرى» دىن باشقا، سەدىردىن ئەينىنىڭ «داخۇندا»، «قۇللار» قاتارلىق رومانلىرى 1957-، 1958- يىللىرى تاشكەنتتە «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشرقىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا ئۇيغۇر، تاجىك، ئۆزبېك ۋە تاتار زىيالىيلىرى سەدىردىن ئەينىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. |