شېرىن قۇربان
10- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە بولغان 500 يىل ئىچىدە پارس - تاجىك پوئېزىسى مۇنبىرىدە مىڭ شائىر ئۆتۈپ، بىر شېئىرىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەگەر بۇ شېئىرىيەت سىستېمىسىنى بىر چوڭ قەسىرگە ئوخشاتساق، تۆۋەندىكى بەش كاتتا شائىر مەزكۇر قەسىرنى تىك تۇتۇپ تۇرغان بەش چوڭ تۈۋرۈك بولۇپ قالىدۇ. دەۋر - زامان تەرىتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى (940-1025)، ئۆمەر ھەييام (1040-1123)، نىزامى گەنجىۋى (1141-1209) شەيخ سەئىدى (1203-1292) ۋە ھاپىز شىرازى (1323- 1388) لاردۇر. تالانتلىق، قابىلىيەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئۆمەر ھەييام پەيلاسوپ، ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم نامى بىلەن ئاللىقاچان تونۇلغان بولسىمۇ، لېكن ئۇنىڭ شائىر ۋە رۇبائىيچى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەن. بۇ خىل قاتماللىقنى بىرىنچى بولۇپ بۇزۇپ تاشلىغان كىشى ئەنگلىيىلىك ئالىم، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلار تەرجىمىشۇناسى ۋە تەتقىقاتچىسى ئىدۋارد فستجىرالد (1809-1883) دۇر. ئۆمەر ھەييام ۋاپاتىدىن تەخمىنەن 700 يىل كېيىن، يەنى 1857- يىلى ئىدۋارد فستجىرالد ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى تۇنجى قېتىم ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدى. لېكىن ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، تەرجىمان ئىدۋارد فستجىرالد ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى توپلىمىغا ئۆز نامىنى يازمىغان. 1860- يىلى ئەنگلىيىلىك ئاتاقلىق ئەدىبلەردىن روستېتى بىلەن سۋېن بورنى تەرجىمان نامى بولمىغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ نەشر قىلغان. مانا مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىدۋارد فستجىرالد تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇئىيلىرى كاتتا بازارغا ئېرىشكەن، ئۆمەر ھەييامنىڭ نامىمۇ ئالەمگە تارىلىپ رەسمىي ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1860- يىلىدىن 1925- يىلىغىچە جەمئىي 65 يىل ئىچىدە ئىدۋارد فستجىرالد تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە نۇسخىسىلا 139 قېتىم نەشر قىلىنغان. ئىنىگلىز تىلىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. ئېلىمىز جۇڭگودا 1958- يىلى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيشۇناسى ئىدۋارد فستجىرالد ۋاپاتىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاتاقلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان گو مۇرۇ ئەپەندىمۇ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنىڭ 4- قېتىملىق نەشرىگە ئاساسەن، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھەم ئۇنىڭغا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۇزۇن مۇقەددىمە يېزىپ ئېلان قىلغان، 1983- يىلى 6- ئايدا ئىدۋارد فستجىرالىد ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى تەرجىمان خۇاڭ گوشى ئەپەندىنىڭ ئىنىگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغان «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى»نى نەشر قىلغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1929- يىل فستجىرالد تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك (يېڭى شەھەر مەنىسىدە) شەھىرىدە 8000 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. دۇنيا كىتابچىلىق تارىخىدا ھەتتا كالام دەستۇرلار باھاسىنىڭمۇ 8000 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققانلىق توغرۇلۇق ئۇچۇر - مەلۇمات ياكى يازما خاتىرە يوق. ئىراننىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئالىمى مەكتابى مىنۇنىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، 1929- يىلىغا قەدەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئېلان قىلىنغان ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى تەتقىقاتى ئىلمىي ماقالىلىرى 1500 پارچىدىن ئاشقان. ئىراننىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچىسى سەئىد نەفىسنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ھازىرغا قەدەر نەشر قىلىنغان ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ ئىنىگلىزچە تەرجىمىسىدىن 32 خىل، فرانسۇزچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 16 خىل، گېرمانچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 12 خىل، ئوردۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن 11 خىل، ئەرەبچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن سەككىز خىل، ئىتالىيانچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن بەش خىل، رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، تۈرۈكچە تەرجىمە نۇسخىسىدىن تۆت خىل، دانىيىچە تەرجىمە نۇسخىسى ئىككى خىل، شۋېتسىيىچە تەرجىمە نۇسخىسى ئىككى خىل بار ئىكەن. بۇ بۇرۇنقى ستاتىستىكا ماتېرىيالى بولۇپ، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ناھايىتى كەمتۈك، ئالايلۇق، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى (ئىككى خىل)، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى (مەرھۇم شائىر نۇر مۇھەممەت ئېركىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن ئاتاقلىق يازغۇچى مۇھەممەت ئوسمان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى) ۋە ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىلىرى يوق ۋە باشقىلار. ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارىلىپ كەتكەنلىكى، تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ھەر بىر نۇسخىدا رۇبائىيلارنىڭ سانىنىڭ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ سانى مەسىلىسى بىر قىزىق تالاش - تارتىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىدىن قارىغاندا، ئۆمەر ھەييامنىڭ مۇبارەك نامى ئاستىدىكى رۇبائىيلار سانى كۆپ بولغاندا 5000، ئاز بولغاندا 14 ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ سانلار تازا توغرا ئەمەس. ئۇنىڭغا خىلمۇ خىل ئامىللار، ھېسسىياتلار ۋە ساختىلىقلار ئارىلىشىپ كەتكەن سەلجۇق تۈرك سۇلالىسى دەۋرى (مىلادىنىڭ 1031- 1157- يىللىرى) دە ياشىغان شائىر با ھارىز تۈزگەن «دىلغا ھۇزۇر» توپلىمىغا ئۆمەر ھەييامنىڭ 559 رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ 1463- يىللىرى تۈزۈلگەن رۇبائىي توپلىمى بولۇپ، ئەڭ قەدىمكى نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. بۇنىدىن باشقا، قەدىمكى نۇسخىلاردىمۇ رۇبائىيلار سانى 300 - 400 دىن نېرى ئۆتمەيدۇ. ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىدىمۇ 258 رۇبائىي بار ئىكەن. بۇ ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىۋاتقان نۇسخا ھېسابلىنىپ، 1460- يىلى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىن تېپىلغانىكەن. روسىيىنىڭ ئاتاقلىق شەرقشۇناس ئالىمى ۋ. ژۇكوۋىسكىي 1897- يىلى «ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ كۆچمە رۇبائىيلىرى توغرىسىدا» ناملىق تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن دەپ 100 دەك رۇبائىينى ھەييام رۇبائىيلىرى ئىچىدىن چىقىرىۋەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا، ئىراننىڭ ھازىرقى زامان پوروزا ئۇستىسى سادىق ھىدايەت (1903 - 1951) ئوبزور ئېلان قىلىپ، ژۇكوۋىسكىي چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، كۆزىنى قارىغۇ قىلدى، بۇ ھەييامنىڭ 80 دەك رۇبائىيسىنى ئوغرىلاپ، باشقىلارنىڭ دەپتىرىگە يازدى، دەپ كۆرسەتتى. 1925- يىلى گېرمان ئالىمى رۇگىن بېرلىندا «پەيلاسوپ ئۆمەر ھەييام ۋە ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى توغرىسىدا» دېگەن تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ سانى 329 دەپ كۆرسەتكەن 1927- يىلى دانىيە ئالىمي كېرسىدىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇبخانىسى، بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيى، پارىژ دۆلەت كۇتۇبخانىسى، بېرلىن كۇتۇبخانىسى، ھىندىستان كالكۇتتا كۇتۇپخانىسىدىكى قەدىمىي 16قول يازما نۇسخىسىنى بىر تەكشىلىكتە قويۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنىڭ سانىنى 121 گە چىقارغان. بۇ خىل ئىلغاش تاسقاشقا ئىران ئالىملىرى قەتئىي قارشى تۇرغان. چۈنكى بۇنىڭدا ئىراندىكى قەدىمكى نۇسخىلار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. ئىران - ھەييامنىڭ ئانا يۇرتى. ھەييامنىڭ بارلىق رۇبائىيلىرى قەدىمكى پارستا بارلىققا كەلگەن. ئىراننى قايرىپ قويۇپ، ھەييام رۇبائىيلىرى ئۈستىدە گەپ قىلىش، ھەقىقەتەنمۇ غەلىتىلىك! 1964- تاجىكىستان دۈشەنبە ئىرفان نەشرىياتى ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىنى «سەد رۇبائىي» (100 رۇبائىي دېگەن مەنىدە) نامى بىلەن بىر بەتتە نەقىش ئىچىدە بىرلا رۇبائىي بولۇش شەكلى بىلەن ئالاھىدە چىرايلىق نەشر قىلىپ تارقاتتى. ئۇلارنىڭ شەرھىيلىشىچە، بۇ سەد (100) رۇبائىي ئۆمەر ھەييامنىڭ ئەڭ سەرخىل رۇبائىيلىرى ئىكەن. ھازىر دۇنيادا، ئەنگلىيىلىك شەرقشۇناس، كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئارتور ئاربېررىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە قارىشى ئۈستۈنلۈكتە تۇرماقتا. چۈنكى ئۇ ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئىككى قەدىمكى قول يازمىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىرى 1208- يىلىدىكى قول يازما، يەنە بىرى 1257- 1260- يىلىدىكى قول يازما، ئالدىنقىسىدا 252 رۇبائىي، كېيىكىسىدە 172 رۇبائىي، جەمئىي 524 رۇبائىي بار ئىكەن. بۇ ئىككى خىل قول يازما ھازىر كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ساقلانغانىكەن. ئارتور ئاربېررى بۇ ئىككى قول يازمىنى ئىران ۋە لوندوندىن تېپىپ ئېلان قىلغانىكەن. ھازىرچە بۇنىڭغا بۆلەكچە پىكىر يوق ئىكەن.
|