پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تەخمىنەن 800 دەك جۇڭگولۇق ياشايدۇ، ئەمما پاكىستاننىڭ بىر يەرلىك سىياسىيونى ئېيتقان ئەھۋالغا قارىغاندا، شىمالدىكى 2 مىليون نوپۇسنىڭ %26 ى جۇڭگولۇقلار قان سىستېمىسىغا ئىگە ياكى جۇڭگودا تۇغقانلىرى بار كىشىلەر ئىكەن، شۇڭا مەيلى جۇغراپىيىلىك جەھەتتە بولسۇن ياكى ھېسسىيات جەھەتتە بولسۇن، بۇ جاي پاكىستاندىكى جۇڭگوغا ئەڭ يېقىن رايون. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى بىر ھەپىتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، 20 نەچچە ئاھالىنى زىيارەت قىلدى، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلدى. بۇ جۇڭگولۇقلار ھەم ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدۇ ھەم پاكىستانغا مۇھەببىتى بار؛ ئۇلار ھەرقاچان ۋەتەنگە تەلپۈنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە پاكىستان جەمئىيىتىگە چوڭقۇر ئارىلاشقان. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارىسىدا باياشات دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە تەۋەلىك ئىدىيىسى شۇنچىلىك مۇستەھكەم. ئۇلار ئاددىي- ساددا ۋە ئاق كۆڭۈل، شۇنداقلا سودىدا ئىشەنچلىك ۋە ماھىر بولغاچقا، ئۇلار پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى ھاسىل قىلغان. ئۆزىنى «جۇڭگولۇق» دەپ ئاتايدۇ شىمالغا جايلاشقان چېرچېت پاكىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشىمايدۇ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەردە پاكىستاندىكى ئاساسلىق خەلقنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسەن يوق، بەلكى مىللىي خاسلىقىدىكى چىقىشقاقلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئەزەلدىن كەمسىتىلگەندەك تۇيغۇسىدا بولۇپ باقمىغان، ئەكسىچە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ۋە تاجىك كىشىلىرىنىڭ بېشىدا «جۇڭگولۇق» دېگەن تاجى بار ئىكەن، ئۇلارمۇ شۇ يەردە كىملىككە تىزىملاتقاندا، ئەزەلدىن يۇرتى دېگەن كاتەكچىگە «جۇڭگو» دەپ يېزىپ كەلگەن. 77 ياشلىق ئەكبەرخان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يېشى ئەڭ چوڭ جۇڭگولۇق، ئۇ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ياشاۋاتقان كۆچمەنلەر ئاساسەن ئىككى خىل: بىر خىلى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ئۇلار شىنجاڭدىن ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ چېرچېت رايونىغا كەلگەن، ئۇلار ھازىرمۇ ھىندىستانغا بىمالال كىرىپ سودا قىلالايدۇ، ئاساسەن ئاۋات جايلاردا ياشايدۇ؛ يەنە بىر خىلىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىگە ھەج قىلىش ئامىلى سەۋەب بولغان. قاتناش بىئەپ بولغاچقا، شۇ چاغلاردا ھەجگە بېرىش ئۈچۈن بىر يىل كېتەتتى، شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەرگە بۇ يەر ئوتتۇرا بېكەت بولغان، ھاۋارايى ئامىلى ۋە جۇغراپىيىلىك توسۇق سەۋەبىدىن، ھەجگە بارغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كۆپىنچىسى جۇڭگوغا باغلىنىپ سودا قىلىدۇ گەرچە پاكىستاننىڭ شىمالىدا ئۇيغۇر جۇڭگولۇقلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئالاھىدە ياخشى، كۆپىنچىسى شۇ يەردىكى داڭدار سودىگەرلەردىن. چېرچېت شەھىرىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر جۇڭگولۇقلارنىڭ دۇكىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى جۇڭگونىڭ ئېسىل يىپەك ماللىرىنى ساتسا، بەزى جۇڭگودا ئىشلەنگەن تاۋارلارنى ساتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىنجاڭدىن مال كىرگۈزىدۇ، ياكى جۇڭگونىڭ تېخنىكىسى بىلەن قول ھۈنەر- سەنئىتىنى چېرچېتقا ئېلىپ بارىدۇ. مۇخبىر ئۇيغۇر چىش دوختۇرى مۇھەممەت ئەلىنىڭ دۇكىنىغا كىرگەندە، ئۇ كۈيئوغلى ئەنۋەر بىلەن بىللە ئۆزى ئاچقان بۇ چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيىسىدە خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ ھەر كۈنى 10 دىن 15 كىچە خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن، چىش كېسەللىكلىرى تېخنىكىسىنى جۇڭگودا ئۆگەنگەن ئىكەن، ئۇ ھەتتا چىش دوختۇرخانىلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدىن كىرگۈزگەنىكەن، شۇڭا ئۇنى كىشىلەر جۇڭگولۇق چىش دوختۇرى دېيىشىدىكەن. بۇ يەردىكى پاكىستانلىقلار جۇڭگولۇق چىش دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈشكە ئامراق بولغااچقا، ئۇنىڭ تىجارىتى ئوبدانلا ياخشى بولۇۋېتىپتۇ، ئۇ مۇخبىرغا: «دائىم شىنجاڭغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ تۇرىمەن» دېدى. نۇرمۇھەممەدجان پېنسىيىگە چىققان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى، 1952- يىلى ئاتلىق قارلىق چوققىلاردىن ھالقىپ چېرچېتقا كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ شەھەردىكى ئىناۋىتى ئوبدانلا يۇقىرى، شىمالنىڭ قەيەرىگىلا بارسۇن، كىشىلەر ئۇنى بەك ھۆرمەت قىلىدۇ. قاراقۇرۇم تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ 1982- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە يولۇچىلارنى بىۋاسىتە جۇڭگوغا ئېلىپ بارالايدىغان شوپۇر بولۇپ قالغان. ئۇ ھازىر ئۆزى يىراق مۇساپىلىك يولۇچى توشۇش تىجارىتى قىلىدۇ، ئىلكىدە يەتتە ئارىبۇس بار؛ ھەرقاچان تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان كىشىلەرنى كۆرسە ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچقا، جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرگە ھەممە ئادەم ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان بولدى. جۇڭگولۇق ئۇيغۇر، مەشھۇر فوتوگراف كېرىمجان پاكىستان فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىلگىرى سابىق زۇڭتۇڭ مۇشەررەف بىلەن سابىق زۇڭلى بەنەزەر بوتتونىڭ سۈرەتچىسى بولغان. ئىلكىدە بىر فوتو سۈرەتچىلىك بىناسى بار. 55 ياشلىق سېيىت ئابدۇللا جاففار شىنجاڭنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، خەنزۇ تىلىدىن ئوبدانلا خەۋىرى بار، ئۇ 1967- يىلى ئاتا- ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن بىللە چېرچېتقا كۆچۈپ كەلگەن. دەسلەپتە ئۇ بۇ يەردە كۇلالچىلىق قىلدى، ھازىر تۆت ئوغلىنىڭ ھەممىسى سودىگەر، ئىككى ئوغلى سائەتچىلىك بىلەن مەشغۇل، ئىلكىدە توققۇز دۇكان بار، ئۇلار شۋېتسارىيە سائەتلىرىنىڭ بۇ جايدىكى ۋاكالەتچىسى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگولۇق ئۇيغۇرلار پاكىستاننىڭ شىمالىدا بەرپا قىلغان سودا ئىشلىرى تورى بۈگۈنكى كۈندە بۇ جاينىڭ سودا ئىشلىرىدىكى يورۇق نۇقتا، ھەتتا ئۇلار سودا ساھەسىنىڭ سەركىسى بولۇپ قالغان. دۆلەت تەۋەلىك ھېسسىياتى كۈچلۈك بۇ يەردە ياشاۋاتقان جۇڭگولۇق ئۇيغۇر ۋە تاجىك كۆچمەنلەر مىللىي خاس ئەنئەنىنى ساقلاپ قالغان، يەنە پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ئاددىي- ساددا، ئاق كۆڭۈل ئاساس قىلىنغان تۇرمۇش ئادىتىگە كۆنگەن. گەرچە ھەممىسى پاكىستانغا تەۋە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئاساس قىلغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ مېھمان كۈتۈش ئۆرپ- ئادىتىمۇ جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ. باياملا تىلغا ئېلىنغان سېيىت ئابدۇللا جاپپار ھەر يىلى جۇڭگوغا ئىككى قېتىم بارىدۇ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھەقامسايىلىرىگە جۇڭگودا بولغان تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ. ئۇمۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكىلەرنىڭ ۋەتەنگە تەۋەلىك تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك، گەرچە ئۇلارنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنى چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇق، دەپ قارايدۇ. مېنىڭ قەشقەردە تۇغقانلىرىم كۆپ، خوتۇنۇمنىڭ يېڭىساردىكى تۇغقانلىرىنى ساناپ بولالمايمەن! ئەھەتجان تۆت قېرىنداش بىر قورۇدا ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ 11 بالىسى بار، ئۇلارنىڭ كىچىكى شۇ يەرلىك خوتۇن ئالغاندىن باشقا، قالغان ئۈچ قېرىنداش شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزلىرىنى ئەمرىگە ئالغان. 38 ياشلىق تاھىرجان مۇخبىرغا: «پەرزەنتلىرىمىز ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە سۆزلەشنى ئۇنتۇپ قالدى، ھەممىسىمۇشۇ يەرنىڭ تىلىدا سۆزلەيدۇ. ئەمما بىز ئۇلارغا كىچىك چېغىدىن باشلاپلا، ئاتا- بوۋىسىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن، ئۇلار ھەممىسى يىلتىزىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ خوتەن دىيارىدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۆزلىرىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەۋلادى دەيدۇ!» دېدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلىغا بولغان مېھرى شۇنچىلىك كۈچلۈك، ئەمما تېخنىكىلىق شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ھازىرغىچە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى كۆرۈپ باقماپتۇ. فوتوگراف كىرىمجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مېنىڭ يۇرتۇم جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدا، ھازىر شىنجاڭنىڭ قاتناش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ، ئىلگىرى مەپىلەردە ماڭاتتۇق، ھازىر قول كۆتۈرسەكلا تاكسىلار توختايدىكەن، ئېگىز بىنالارنىڭ كۆپلىكىچۇ تېخى! مەن ئەزەلدىن بالىلىرىمنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ۋە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پاكىستاندىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەۋلادى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپاغا ئوقۇشقا بېرىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، بۇ يەردە ئىقتىسادىي سەۋەبمۇ بار، ئەمما ھېسسىي سەۋەب مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پاكىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە جۇڭگونىڭ ئىناۋىتى يۈكسەك، شۇڭا بىز بۇ يەردە ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولدۇق. ئىلگىرى چېگرا چىگىك بولغاچقا، پاكسىتانلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگو بىز ئىدۇق؛ مانا ئەمدى چېگرالار داغدام ئېچىۋېتىلدى، پاكىستان خەلقى ھەقىقىي جۇڭگونىڭ قانداقلىقىنى بىلدى، بىز ھازىر جوڭگو- پاكىستان دوسلۇقىنىڭ كۆۋرۈكى ۋە تۈگىنىگە ئايلاندۇق. ۋەتەن ئۇلارنى يادىدىن چىقارمىدى ۋەتەن بۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلار بىلەن جۇڭگولۇق مۇساپىرلارنى يادىدىن چىقارمىدى، جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى جۇڭگو يول، كۆۋرۈك گۇرۇھىغا قاراقۇرۇم تاشيولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندا، شۇ جايدىكى جۇڭگولۇق ئۇيغۇرلاردىن خادىم قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا، باش ئەلچىخانا نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى جۇڭگولۇق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى. شىمال جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلئەزىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتا بىزنىڭ جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلدى، شۇڭا بىزدە تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ۋەتەن ئېڭى پەيدا بولدى. ھازىر ئەلچىخانا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بەك زىچ، ئەلچىخانا بىزنىڭ ھال- كۈنىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ، بىزنىڭ شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو ئەلچىخانىسى بىلەن مۇناسىۋىتىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيىتىمىز جۇڭگو ئەلچىخانىسىنى قوللىغاچقا، يەرلىك ھۆكۈمەت بىزنى ھۆرمەت قىلدى. جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىپ ھەمدە جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، بۇ يەردە تىجارەت قىلىۋاتقان جۇڭگولۇقلار غايەت زور ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. مۇھەممەد تۇرسۇن تەرجىمىسى |