جياڭشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاۋ C 6- ئىيۇن بىر مەيدان ئالاھىدە دەۋادا ئۇتتى. چۈنكى ئۇ تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىۋاتقان، ئاتا - ئانىسى قويغان «جاۋ C» دېگەن ئىسىم سەۋەبىدىن «2- ئەۋلاد كىملىك» كە ئېرىشەلمەي قالغىلى تاس قالدى. جياڭشى يىڭتەن شەھەرلىك ج خ تارماقلىرى ئۇنىڭ بۇ غەلىتە ئىسمىنى تىزىملاپ، «2- ئەۋلاد كىملىك» بېجىرىشىنى رەت قىلغاندا سوت مەھكىمىسى پۇقرالار ئىسىم - فامىلە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۆز ئىسىم - فامىلىسىنى قارار قىلىش، ئىشلىتىش، بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بار. باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشى، ئوغرىلاپ ئىشلىتىشى ۋە سۇيىئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ دەپ ھېسابلاپ، جاۋ C نىڭ دەۋادا ئۇتقانلىقىنى ھۆكۈم قىلدى. يىڭتەن شەھىرى يۆخۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماۋشياۋۋىندىنىڭ دېگىنىدەك، بۇ ھۆكۈم نەىجىسى جەمئىيەتنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىسىم - فامىلە ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغىشى مۇقەررەر. بۇ دېلونىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ ئەھمىيىتى بار. 1. مەمۇرىي دەۋادىكى رېئال دېلو بoلۇپ، جامائەتنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىسىم - فامىلە ھوقۇقىغا بولغان دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى؛ 2. ئومۇمىي ھوقۇق تارماقلىرىغا پۇقرالارنىڭ ئىسىم بېكىتىش ھوقۇقىغا ئارىلاشسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ ئەھمىيەتتىن ئېيتقاندا، يىڭتەن شەھىرى يۆخۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە ئادەملەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، كىشىلەرگە ئىسىم - فامىلە ھوقۇقىنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرىدىن بۇ ھوقۇقنىڭ ئەركىنلىك قىممىتىنى چۈشەندۈردى: ئەلۋەتتە، ئىسىم - فامىلىنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ «ھەق - تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، كىشىلەر ھەق - تەلەپ قانۇنىدىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن چاغدا، جامائەت تەرتىپى ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئادەمنىڭ ئىسىم - فامىلىسى گەرچە ھەر كىمگە تەۋە بولسىمۇ، ئىشلەتكەندە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت بۇ ئاممىۋى مۇھىتتا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئىسىم قويۇشتا جەمئىيەتنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى ۋە ياخشى ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئويلىشىشى كېرەك. قۇلايلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كىشىلەر ئامال بار ئاز ئۇچرايدىغان خەتلەرنى، بەكلا غەلىتە بەلگىلەرنى قويماقچى بولغان ئىسىمغا ئىشلەتمىگىنى ياخشى. شۇڭا ج خ ئورگانلىرى ئىسىم - فامىلە ھوقۇقى، مال - مۈلۈك بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق كۆپ خىل ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇنغا ۋە ياخشى ئۆرپ - ئادەتلەرگە خىلاپ بولمىغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ئەڭ زور چەكتە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك. چېن جيېرىن
|