ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1352|ئىنكاس: 0

يۈرەك سانجىقى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈرەك سانجىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سەۋەبتىن بۇلىدۇ
(1) تاجىسىمان قان-تۇمۇر قېتىش خارەكتىرلىك يۈرەك سانجىقى:
سول تەرەپ بۇيۇن تەرەپتىن باشلاپ سول قول سىقىراش، كۆكرەك ئالدى ۋە ئارقا تەرەپ پىچاق سانجىلغاندەك بۇلىدۇ. بۇ ئاساسلىقى رىماتىزىم خارەكتىرلىك بۇلىدۇ.
(2) يۈرەك قان-تۇمۇر تۇسۇلۇشتىن بولغان يۈرەك سانجىقى:
ئېگىزگە ماڭغاندا سەل تېزرەك ماڭغاندا ياكى تويغۇدەك تاماق يېگەندىن كىيىنلا يۈرەك ساھەسىدە ئېچىشىش بىلەن چىڭقىلىپ ئاغرىش پەيدا بۇلىدۇ.
(3) يۈرەك يەللىك سانجىقى:
تۇيۇقسىز يۈرەك، كۆكرەك ئالدىغا پىچاق سانجىش بىلەن تەڭ چىكە قىسمىدا تەرلەش تەڭ پەيدا بۇلىدۇ. يۇقارقىلارغا ئاساسلىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك دورا ئىشلىتىلىدۇ.
دورىسى:
(1) مەجۈنى سازەنجى، ئەۋرىشىم بارد، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، قان بېسىمدا يۇقىرى قان بېسىم بىلەن تۆۋەن قان بېسىمدا پەرق تۆۋەن بۇلىدۇ.
(2) مەجۈنى سازەنجى، بادرەنجى بۇيا شەربىتى، ھەببى ئارەنجى، ياكى قان بېسىم ئارىلىقى يىراق بولسا لوغانزىيا بىرىلىدۇ.
(3) مەتبۇخ زەنجىۋىل فەۋات، ئەرقى بادىيان، جاۋارىش كۇمۇنى، پەرق چوڭ بولسا داۋائىمىشكى ھار بىرىلىدۇ. قان بېسىمدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش