ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1140|ئىنكاس: 5

قەنىت سىيىش بىمارلىرىغا خوش - خەۋەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. ئالدىنقى قېتىم قەنىت سىيىش كىسەللىكنى داۋالاش لاھىيەم دىگەن تىمىنى ئىلان قىلغاندىن كىيىن بىرقىسىم تورداشلار ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىپ 1- قېتىملىق سىناققا قاتناشقان ئىدى. ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى سىناققا قاتناشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللا رازى بولسۇن. داۋالاش باشلانغاندىن تاكى ھازىرغىچە سىناق داۋالاشقا قاتناشقان قېرىنداشلىرىمىزدا ئۈزلىكسىز ياخشىلىنىش بولدى. قان قەنتى يۇقۇرلاش ياكى دورا رىئاكسىيەسى كۈرلۈش ئالامىتى كۈرۈلمىدى.  شۇ قېتىمقى پائالىيتىمىزدىن كىيىن خەۋەر تېپىپ قالغان نەچچە قېرىندىشىمىز ئۈزىنىڭمۇ بۇ داۋالاش سىنىقىغا قاتناشقىسى بارلىقنى ئېيتقان بولسىمۇ بىرىنچى قېتىملىق سىناق داۋالاش سانى توشقانلىقى ئۈچۈن مەنمۇ تەڭ قىسلىقتا قالغان ئىدىم.  نەچچە كۈن قايتا - قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق 2 - قېتىملىق سىناق داۋالاش پائالىيتىنى باشلاشنى قارار قىلدىم. بۇ قېتىمقى سىناققانىڭ شەرتى 1- قېتىملىقتىن يۇقۇرراق بۇلىدۇ.
بۇ قېتىمقى داۋالاشنىڭ شەرتى ۋە ئۇسۇلى:
1. يېشى 25 ~55 ياش ئارلىقدىكى قەنىت سىيىش كىسىلى بىلەن ئاغرىغان تارىخىغا 5 يىلدىن تۈۋەن بولغانلار.
2. ئىنسولىن ئۇكۇلىنى كۈنگە 40 بىرلىكتىن تۈۋەن ئۇرغان بۇلۇشى كىرەك.
3. تىبابەت دورىللىرى نىسپەتەن ئاچچىق، يىمەكلىك ئۆلچىمىمۇ يۇقۇرى. مۇشۇ داۋالاش لاھىسىگە قۇشۇلىدىغان ۋە ماسلىشالايدىغان بۇلۇشى كىرەك.
4. ئىقتىساد ئۆلچىمى 1- قېتىملىق بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ پەقەت خام دورا پۇلىلا ئېلىندۇ. (دورا تاييارلاش ھەققى ۋە باشقا ھەقلار ئېلىنمايدۇ)
5. مۇشۇ ئىلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 2012.10.20 كۈنىگىچە تىزىملاش باسقۇچى بۇلۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن تىزىملاش توختۇتۇلۇپ پىلان ئىچىدىكى قېرىنداشلارغا دورا تەييارلىنىدۇ. ئەلۋەتتە تىزىملاش باسقۇچىدا تىزىملاتقۇچىلار دورا پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرۇدۇ.
6. ئەڭ كىچىككەندىمۇ 2012.10.28 كۈندىن بۇرۇن دورا بىمارلارغا يەتكۈزلىدۇ.( بىمار سانى كۆپ بوپ كەتسە ئازىراق كەينىگە سۈرلۈشى مۇمكىن)
7. ئەمىلى ئەھۋالنى تىلفۇن، چ چ ياكى بىۋاستە ئورنىمىزغا كىلىپ سۈرۈشتىرسىڭىز بۇلىدۇ. چ چ 2335767417  تىلفۇن 15160869757 (ئەتتىگەن سائەت 8:30 تىن كەچ سائەت 6:00 گىچە). ئادىرسىمىز ئاتۇش شەھەرلىك تەنتەربىيە مەيدانى ئۇدۇلىدا.
بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن تورداشلارنىڭ باشقا تورداشلارغىمۇ تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز.

2012.10.07
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-11 10:39:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن پائالىيەتنى باشلىغىلى 4 كۈن بوپتۇ. تىلىفۇن، چ چ ۋە ئۇرنىمىزغا كىلىپ مەسلىھەت سورىغانلا 46 ئادەم قېتىم.  پائالىيەتكە قاتىنىشىشنى تەلەپ قىلغانلا يەنى تىزىملاتقانلا 14 كىشى بولدى. بۇنىڭدىن كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى ئارسالدە بوپ تۇرغانلار يەنىلا كۆپ. كونىلاردا ‹سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ› دىگەن گەپ بار. قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز ئارا تەشۋىق قىلىشىپ 20-چىسىلاغىچە كۆپىرەك كىشىلەرگە ئۇقۇتۇرۇپ قۇيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. 9 كۈن يەنە 9 كۈندىن كىيىن تىزىملاشنى توختىتىمىز. ئۇندىن كىيىن قاتنىشاي دىسىڭىز يېڭى يىلدا يەنە بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىز مۇمكىن. كىسەللىك دىگەن كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ‹دورا ئىشلەتمىگەن شارائىتتا›. شۇنىڭ ئۈچۈن بىركۈن بولسىمۇ بۇرۇن تۇتۇش قىلغىنىڭىز ياخشى. پۇرسەت غەنىمەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-13 14:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە 7 كۈندىن كىيىن تىزىملاش توختىتىلىدۇ. تورداشلارنىڭ بۇ خەۋەرنى ھەرقايسى تور بەت ۋە چ چ توپلىرىدا تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-19 11:07:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزىملاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 2 كۈنى قالدى.  بۈگۈن دورا ياساشقا باشلىدۇق. بۈگۈن ئەتە ئىككى كۈن ئىچىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-21 13:28:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
13 كۈنلۈك تەشۋىقات ئارقىلىق تۈرلۈك شەكىلدە مەسلىھەت سورىغانلار 109 ئادەم قېتىم، داۋالىنىشقا قاتناشقانلار 18 نەپەر بولدى. 2012.10.20 كۈنى تىزىملاش خىزمىتى ئاخىرلاشتى. ئاۋالقى 10 نەپەر ۋە بۇ قېتىمقى 18 نەقەر قېرىندىشىمىزنى داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاندىن قايتا پائالىيەت ئۆتكۈزىمىز. شۇ ۋاقىتقىچە تورداشلارنىڭ توربىتىمىزدىكى مۇشۇ كىسەللىك ئۈچۈن يوللانغان تىمىلارنى كۈرۈپ پايدىلىنىپ تۇرۇشىنى، تىلفۇن ياكى چ چ ئارقىلىق داۋالىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ بىزنى خىجىل قىلماسلىقنى ئۈتۈنىمىز. توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 11:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى داۋالاش ئۇلۇغ قۇربان ھېيىت مەزگىلىدە باشلانغان بولسىمۇ 18 نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرىنىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۈگۈن يىتىپ كەلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىللىرنى تەپسىلى يوللاشنى ئويلىغان ئىدىم لىكىن ۋاقىت يار بەرمىدى. بۇ 18 قېرىندىشىمىزنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ قان قەنتى تەدىرجى تۈۋەنلەپ ماڭغانلىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولدى. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكنىڭ تىزىرەك ئەسلىگە كىلىشىگە تىلاكداشمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش