ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1132|ئىنكاس: 0

قەنىت سىيىش كىسىلى بىمارلىرى پولو يىسە بۇلامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. ئىلگىرى قەنىت سىيىش كىسىلىنى داۋالاش لاھىيەم  دىگەن تىمىنى يوللىغاندىن كىيىن 8 قېرىندىشىمىز داۋالىنىپ بېقىشنى خالىغان ئىدى. كىيىن يەنە 2 قېرىندىشىمىز قۇشۇلۇپ 10 بولغان. بۈگۈن دەسلەپكى 8 قېرىندىشىمىز دورىلارنى 9 كۈن ئىستىمال قىلغاندىن كىيىنكى قان قەنتىنىڭ نەتىجسىنى كۈرۈپ شۇنداق سۈيۈندۈم. دوختۇر ۋە تىۋىپ ئۈچۈن ئۈزى داۋالغان بىمارنىڭ چىرايدىن خۇشاللىق، مىننەتتارلىق ئىپادىسىنى كۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلارغا دىئابىت كىسىلگە تاماق تەييارلاش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇشنى توغرا كۆردۈم. تاماققا ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان خۇرۇچلار بۇ تىمىدا  بار كۈرۈپ بېقىڭ.
بۈگۈنكى مەسىلە قەنىت سىيىش كىسىلى بىمارلىرى پولو يىسە بۇلامدۇ؟  ئادەتتە بىز پولونىمۇ چەكلىگەن. لىكىن تۈۋەندىكى ئۇسۇل بۇيىچە ئىتىلگەن پولو كىسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشغا ۋە بەدەن قۇۋىتىنى ساقلاشقا پايدىلىق.  نۇقۇتنى سۇغا چىلاپ قۇيۇپ تەمئى چىققاندىن كىيىن قورۇلغان سەۋزە ئۈستىگە قۇيىمىز. ئادەتتە ياغ ئۈچۈن زاراڭزا، زەيتۇن ياغلىرىنى ئىشلىتىش، گۈرۈجگە قارا گۈرۈچ ئىشلىتىش، گۆشكە موزاي گۈشى ياكى ئۇچار جانىۋار گۈشى ئىشلىتىش ياخشى. گۈرۈزنى قازانغا سالغاندا بايقى نۇقۇتتىنمۇ مۇۋاپىق سالساق بۇلىدۇ.  ئەگەر پولو دۈملەنمەي يەنى قازاننىڭ ئاغزى يېپىلمىغان ھالاتتە سۇس ئوتتا پۇشۇرۇلسا تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ تاماقنى 3 كۈندە بىر قېتىم يىيىش مۇۋاپىق. سوغاق سەينى تەرخەمەكتە تەييارلانسا بۇلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا دىئابىت كىسىلى بىمارلىرى ھەركۈنى سەھەردە نۇقۇت ئۇنىدا قىلىنغان ئۇماچ ئىچىپ بەرسە بۇلىدۇ. ئۇماچقا موزاي گۈشى، قارمور....... قاتارلىقلارنى سېلىپ تاييارلىسىمۇ بۇلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان ئىش بۇ خىل ئۇماچ ئاسان پىشمايدۇ. ياخشى پۇشۇرۇش كىرەك. ئاسقازاننى ئىسىۋالدىغان ئالامەت كۈرۈلسە ئۇماچقا پىننە سېلىپ ئىچىش كىرەك.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش