ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1313|ئىنكاس: 5

ئاشقازان يارىسى ۋە داۋالاش لاھىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇ تورداشلار  بايرام كۈنلىرىڭلارنى خۇشال ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.  ھەزىم سېستىما كىسەللىكلىرىدە ئاشقازاندىكى كىسەللىك ئۆزگىرىشى كۆپ ئۇچۇرايدىغان بۇلۇپ بىر قەدەر جاھىل ھەم يامان ئاقىۋەتنى كۈلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى ئاشقازان يارىسى. بۈگۈن مۇشۇ توغرىدا بىر تىما يېزىپ باقاي دەپ ئولتۇرۇشۇم. قىنى سىزدە ياكى يېقىنلىرىڭىزدا بۇ كىسەللىك بولسا بۇ تىمىنى ياخشى كۈرۈپ بېقىڭ.
بۇ  ئاشقازانغا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى، سۇزۇلما ئاشقازان ياللۇغى ياكى  مېڭىدىن ئاشقازانغا چۈشكەن نەزلىنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن ئاشقازاندا زەخمە ۋە مۇدۇر چاقىلار پەيدا بولىدىغان بىر خىل شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتۇر .
كىسەللىك ئالامىتى يېزىلمىدى. بۇ يەردە ئاشقازان ئەينىكدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاساس قىلساق قانداق. بولمىسا ساقلامۇ غەم يەپ كىسەل بوپ قالدىكەن. توغرا چۈشىنشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

داۋالاشتا : كىسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ نورمالسىز خىلىت تەسىرىدىن بولسا نورمالسىز خىلىتنىڭ مۇنزىچنى بىرىپ ئاندىن ئاشقازان يارىسىغا قارىتتا دورا بىرلىدۇ.
يىرىڭنى تازىلاش ئۈچۈن مائۇلھەسەل ئىچۈرۈش ، ئەگەر ھارارەت كۆپ بولسا يىرىڭنى تازىلاش ئۈچۈن شېكەر سۈيى ۋە ئارپا سۈيى بېرىش كېرەك . ئۇنىڭدىن كېيىن يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن خۇنسىياۋشان ، كۇندۇر 9 گرامدىن ، گىل ئەرمىنى 5 گرام ، ئانار گۈلى ، كەھرىۋا ، قىزىلگۈل 4 گرامدىن ئېلىپ سۇقۇپ يۇقارقى دورىلار بىلەن تەڭ مىقداردىكى ئالما قىيامى ۋە بىھى قىيامى بىلەن بېرىش كېرەك .
ئاشقازاندا پەيدا بولغان يېڭى يارا يارا پۈتۈرگۈچى دورا بىلەن داۋالىنىدۇ . كېسەلگە تىز ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بېرىلىدۇ . زەنگرا ، قۇغۇشۇن ئۇپىسى ، تۇتىيا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر قۇشۇپ كونا يارىغا ئىشلىتىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .
مۇرەككەپ دورىلاردىن قۇرسى كەھرىبا ، سۇپۇپى بىخ مارجان ، سۇپۇپى سەنگدانە، سىفوفى بىخ سۇس، جاۋارىش قانىسە، خېمىر مەرۋايىت، جاۋارىش ئۇد شېرىن ، جاۋارىش مىشكى، ئىتتىرىيفىل كەشنىز ، مەجۈنى ئامىلە نۇشتارى، جاۋارىش پەنجىنۇش ،  قىزىل گۈل ۋە پىننە گۈلقەنتلىرىدىن بىمارنىڭ مىزاجىغا قارىتا تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. زۈرۈر بولغاندا مەجۈنى ئەفىئى سەغىر بىرىلىدۇ. ئاغرىش ئېغىر بولسا ھەببى تەرياق بىرىلىدۇ.
چايلىق ئۈچۈن بەدىيان، قاقىلە، قىزىلگۈل، قانىسە، پوستى تۇرۇنجى، پىننە، بىخ سۇس مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ چالا سۇقۇپ چايلىق تەييارلىنىدۇ.


ۋاقتى: 2012-10-19 17:26:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت چۈشەندىم


ۋاقتى: 2012-10-28 13:13:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردىكى ‹‹مائۇل ھەسەل›› دىگىنىمىز بىر ھەسسە ھەسەلگەئۈچ ھەسسە كۆپ بولغاندا بەش ھەسسە  قايناقسۇغا ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدىغان ھەسەل سۈيى بۇنىڭدىن كۈندە بىر ۋاقتىن ئىككى ۋاق يېرىم پىيالە ئىستىمال قىلىپ بەرسە زەھەر تازلاش بىلەن بىرگە زەخمە يىگەن بۇزۇلغان تۇقۇلمىنىڭ يۈزەكى قەۋىتىگە نىپىز بوغان بىر قەۋەت پەردە ھاسىل قىلىپ يېڭى تۇقۇلمىنىڭ تىز سۈرەتتە دەخلى تەرۇزسىز كۆكلەپ يارىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە مەلۇم دەرىجىدە ياردەم بىرەلەيدۇ بۇ ھەرقانداق شارائىتتىكىلە قوللىنالايدىغان قولغا يېقىن ئۇسۇللانىڭ بىرسى شۇنداقتىمۇ ساقىيىپ بولغۇچە بۇ ئۇسۇلنى دۇرابىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىسلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقۇرى بۇلىدۇ ئەڭ ئاۋال تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان دۇرىلار ئەل سىىھەت ئەپەندىمنىڭ بايان قىلغانلىرى يۇقۇردا


ۋاقتى: 2012-12-7 00:35:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشقازان ياللۇغىغا ئەڭ ياخشى دۇرا نىمە


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-7 12:35:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alsihat-7855 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-7 00:35
ئاشقازان ياللۇغىغا ئەڭ ياخشى دۇرا نىمە

بۇ تىمىنى كۈرۈپ بېقىڭ. يەنىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز ئۈزىڭىزدىكى ئالامەتلەرنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بىز تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بىرىمىز.


ۋاقتى: 2014-2-22 19:48:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما كە رەخمەت سىزگە








كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش