ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1336|ئىنكاس: 8

كومپىيۇتېرىدا مەشغۇلات قىلدىغانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-1 13:00  

                                                                       كومپىيۇتېرىدا مەشغۇلات قىلدىغانلار

دائىم كومپىيۇتېر مەشغۇلات قىلدىغانلار كۆزنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. كۆزنى ئاسراشتا تۆۋەندىكىدەك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.

يۇقىرى ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر: ئاقسىل ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئۇزۇققلۇق ماددىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، كۆزدىكى ھەر خىل ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشتا ئاقسىلدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسىلەر كۆزنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدىكەن. تۇرمۇشىمىزدا كالا گۆشى، قوي، تۇخۇ، غازلارنىڭ گۆشى، ھايۋانلارنى ئىچكى ئەزالىرى، شۇنداقلا پۇرچاق تۈردىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسل مول بۇلۇپ، دائىم بۇنداق يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن.

ۋىتامىنلىق يىمەكلىكلەر: ۋىتامىنلىق يىمەكلىكلەرنىڭ مىڭە ئىقتىدارىنى تەڭشەش رولى بار بۇلۇپ، كۆرۈش ئىقتىدارىنى تەڭشەش رولى تېخىمۇ كۆرنەرلىك ئىكەن. ئادام بەدىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قۇبۇل قىلىدىغان ۋىتامىنلارنىڭ %70 ى كۆكتاتلاردىن كېلىدىكەن. ۋىتامىننى كۆپرەك قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. ئادەتتە كۈدە، پالەك، شوخلا، تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋىتامىن بىر قەدەر مول بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا لىمون، بۆلجۈرگەن قاتارلىق مىۋە-چىۋىلەر تەركىبىدىمۇ ۋىتامىن ناھايىتى مول بولىدىكەن.

فوسفاتلىق يىمەكلىكلەر: كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تۇخۇم سېرىقى، ياڭاق، يەر ياڭىقى، بېلىق قاتارلىق يىمەكلىكلەر تەركىبىدە فوسفات مول بولىدىكەن. بۇ يىمەكلىكلەر تەركىبىدە فوسفات ماددىسى مول بۇلۇپلا قالماي مېڭە ۋە كۆزگە پايدىلىق نۇرغۇن تەركىبلەر بار ئىكەن. بۇنداق يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستمال قىلىپ بەرگەندە كۆز ۋە مېڭىنى ئاسراش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ئەمما تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە فوسفات مول بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە خولىستىرىنمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدىكەن، شۇڭا بىمارلار تۇخۇمنى بەك ئاز ئىستىمال قىلىشى، فوسفات تۇلۇقلاشتا باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك ئىكەن.

كۆزنى روشەنلەشتۈردىغان يىمەكلىكلەر: كالا، قوي سۈتى، قاتماق، تېرىق، ياڭاق، سەۋزە، پالەك، چوڭ يېسۋىلەك، شوخلا قاتارلىقلار تەركىبىدە ئۇزۇقلۇق ماددىسى مول بۇلۇپ، بۇنداق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە باشقا كۆز كىسەللىكلىرنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يىمەكلىكلەر: كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋىتامىن A نى تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەندە كۆز قۇرغاقلىشش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، كېچىدە كۆرەلمەسلىك قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن. سەۋزە، چىلان قاتارلىقلار تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولىدىكەن. كۆزنى ئاسراشتا يىمەكلىك ئارقىلىق كۆز ساغلامىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن باشقا يەنە كۆز ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش ۋە يىراققا قاراش قاتارلىق ئۇسۇللارنىمۇ قوللىنىش كىرەك ئىكەن.
ئاسىيا كىندىكى گېزىتىدىن ئېلىندى.
ۋاقتى: 2012-10-1 13:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم
ۋاقتى: 2012-10-1 13:37:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باركاللا   ياخشى تىما بوپتۇ.  ئۈزىڭىزمۇ بۇ تىمىدىن ياخشى پايدىلىنىڭ .
ۋاقتى: 2012-10-1 15:22:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . تىمىڭىزغا تەشەككۇر!!
ۋاقتى: 2013-6-17 16:17:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن ، رەھمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-18 13:04:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەسكەرتكىنىڭىزگە
ۋاقتى: 2013-6-23 11:01:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلساق بولغۇدەك ،رەخمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2013-6-26 19:47:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەبەسسۇم خانىم،اللە رەھمەت قىلسۇن،بەكمۇ ياخشى تېمىكەن.
مەنمۇ ھەر كۈنى 2،3 سائەت كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىمەن،كۆزۈمنى ئاسىراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمىسەم بولمىغۇدەك،قېرىغاندا يەنە لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ...
ۋاقتى: 2014-3-25 23:21:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقىرى ئىكەن ئالاھىدە دىققەت قىلمىساق بولمىغىدەك بولۇپمۇ مەندەك كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدىن قوپماي ئولتۇردىغانلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش