ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 6680|ئىنكاس: 7

ھورمىن توغرىسىدا سۇئاللار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. جىنسىيەت تورىدىكى بىر توردىشىمىز ھورمىن توغرىسىدا سۇئال قالدۇرغان ئىكەن. جاۋابى بىلەن يوللاپ قويدۇم. پايدىسى تىگىپ قالسا ھەجىپ ئەمەس. قېنى ئۇقۇپ بېقىڭلار.  
سۇئال: بىز ئەتراپىمىزدا ھورمۇن دەيدىغان بىر ئاتالغۇنى پات - پات ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ، مەسىلەن: ئەرلىك ھورمۇن ، ئايالىق ھورمۇن ، بۇ دورىدا ھورمۇن بار ، بۇ ئوكۇلدا ھورمۇن بار ، بۇ مەلھەمدە ھورمۇن بار دېگەندەك . بۇ ھورمۇن دېگەن گۇينى زىيانلىق دەيدىكەن لېكىن تىز پايدا قىلىدىكەن ، تېز قوزغايدىكەن ، يەنە كېلىپ دۇنيادىكى ھەممە كېسەلگە ھورمۇنلۇق دورا تاپقىلى بولىدىكەن . مەسىلەن : ئىچىدىغان ، يەىدىغان ، سۈرتىدىغان ، ئوكۇل قىلىدىغان ، ئاسما قىلىپ ئاسىدىغان دېگەندەك . بۇ زادى قانداق نەرسە ؟ بىرخىللا بولامدۇ ياكى ھەممە كېسەللىكنىڭ ھومۇنى ئايرىم بولامدۇ ؟ بۇنى تىبابەت دورىللىرىغىمۇ قوشۇپ ياسايدىكەن ؟ بۇ بىر خىل سۇيۇقلۇقمۇ ؟چالمىدەك نەرسىمۇ ياكى ئۇندەك نەرسىمۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولامدۇ ؟ قانداق شاختا پىشىدۇ؟ بۇ نى ئىستىمال قىلسا بولامدۇ ؟ بۇنى ئىستىمال قىلغان كىشىلەردە قانداق ئۈنۈم بېرىدۇ ؟ ئەگەر زىيانلىق بولسا بەدەندىكى ھورمۇننىڭ كۈچى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىشىگە ئەگىشىپ  تۈگەمدۇ  ؟ بىز زادى ھورمۇندىن قۇتۇلىشىمىز كېرەكمۇ ياكى
.................................................................
   تورداش دوسلىرىمىزنىڭ مۇشۇ تېما ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ بېقىشىنى ئۈمد قىلىمەن .


جاۋاپ: ھورمىن بولسا بەدەندىكى بەز ئەزالار ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىرخىل سۈيۈقلۈق بۇلۇپ ئادەم بەدىنىدە مەلۇم مىقداردا مەۋجۇت بوپ تۇرۇدۇ.  نورمال بولغان يەنى بەدەن ئۈزى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۈزى ئۆزلەشتۈرۈپ مىتابولىزىمغا قاتناشتۇرغان ھورمىن ساغلاملىققا پايدىلىق.   بىز دەۋاتقان ھورمىنلىق دورىلاردىكى ھورمىن بولسا ھايۋاناتلاردىكى ماس ئەزادىن ئىلىندىغان بۇلۇپ پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ھەرخىل شەكىلدىكى دورىلار ئىشلىنىدۇ. ئۇلار تابلىت بۇلىشىمۇ، تالقان بۇلىشىمۇ سۈيۈقلۈق بۇلىشىمۇ مۇمكىن.
ئۇيغۇر تىبابىتى ھورمىن تۈردىكى دورىنى ئىشلىتىشنى تازا قوللىمايدۇ. چۈنكى بەدەندىكى ھورمىن ئاجىزلىدى دىگەنلىك شۇ ھورمىننى ئىشلەپ چىقارغۇچى بەزدە مەسلە بار دىگەن بۇلىدۇ. سىرىتتىن شۇخىل ھورمىننى تۇلۇقلىسىڭىز ئەزەلدىنلا ئاجىز بولغان بەز تېخىمۇ ھۇرۇنلىشىدۇ. بۇ خۇددىي بىر ئادەم قىلىدىغان ئىشنى 2 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم قىلسا ئىش بېشى ھۇرۇنلۇشۇپ قالغاندەك ئىش.   
بۇنىڭ مىسالى سۈپتىدە قەنىت سىيىش كىسىلىنى مىسالغا ئالساق ئاشقازان ئاستى بىزى ئىنسولىننى ئىشلەپ چىقىرىشى ئاجىزلىغاندا قەنىت سىيىش كىسىلى كۈرلىدۇ.  سىرىتتىن ئىنسولىن ئۇكۇلى ئۇرغاندا قان قەنتى نورماللىشىدۇ. لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ ئاشقاغان ئاستى بىزى تېخمۇ ھۇرۇنلىشىپ سىرىتتىن ئۇرىدىغان ئىنسولىننىڭ مىقدارى كۈپۈيۈپ بارىدۇ.
ئەرلەر كۆپ ئىشلىتىدىغان ھورمىن تۈرىدىكى بۆرەك قۇۋەتلەش دورىللىرنى ئىشلەتكەندىمۇ ئوخشاشلا دەسلەپ شۇنداق ياخشى كىيىن - كىين شۇ خىل دورىغا تايىنىش ۋە شۇ دورا بولمىسا جىنسى ئالاقە قىلالماسلىق ھەتتاكى ئۇ دورىمۇ كار قىلماسلىق ئەھۋالى كۈرلىدۇ.

بۇ يەردە بىر مەسلىنى دەپ ئۈتۈي، تورداشلار ئويلۇشۇپ باقسۇن.
مىنىڭ بىر تۇنۇشۇم بۇلۇپ 15 يىلدىن بۇيان ھورمۇنلۇق ئەرلەر دورىسى سېتىپ كەلگەن. بىرقېتىملىق سۆھپەتتە ‹ شىنجاڭغا دەسلەپ كىرگەندە بۇ دورىدا %5 ھورمىن بارتى، كىيىنچە بۇ تەسىر قىلماي %10 لىكنى ئەكىردۇق شۇنداق مېڭىپ ھازىر %85 ھورمىن بار دورا ئەكىرۋاتىمىز. يەنە 10 يىلغا قالماي %100 ھورمىن لىقنى ئىشلەتسىمۇ ئۈنىمى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتا بۇ دورىلارنىڭمۇ بازىرى ئۈلىدۇ. بىكاچى بوپ قالىمىز بىزمۇ› دىگەن گەپنى قىلدى. ئەمدى تورداشلار يۇقارقى مەسىلىنى ئويلىشىپ باقسا ھورمىن دىگەن نىمە؟ ئىشلىتىش كىرەكمۇ يوق؟  بۇنى چۈشىنىپ يىتىدۇ.


ۋاقتى: 2012-7-19 15:09:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بۇ توغرىسىدا بەرگەن جاۋابىڭىزدىن بەكمۇ ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم ، رەھمەت . ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەركەت بەرسۇن .


ۋاقتى: 2012-7-19 15:12:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمۇن ئىشلەتكەن كىشىلەردە ھورمۇننىڭ ئاسارىتى قانچە ئۇزۇنغىچە قالىدۇ ؟ ئۇ كىشىلەر قانداق قىلىشى كېرەك .
مەسىلەن : مەن كالا تەمرەتكىسى گە (ئۆزۈمدىكى) كىلوبىتازول دەيدىغان ھورمۇنلۇق دورىنى ئىشلەتكەن ئىدىم .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-19 16:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibirayim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-19 15:12
ھورمۇن ئىشلەتكەن كىشىلەردە ھورمۇننىڭ ئاسارىتى قانچە ئ ...

ھورمىن تەسىرىنىڭ ئېنىق تۈگەش ۋاختىنى بىر نىمە دىيەلمەيمەن. لىكىن ئۇزاق بولغاندىمۇ 6 ئايدا (شۇ 6 ئاي جەريانىدا شۇخىلدىكى ھورمىننى ئىشلەتمىسە) يۇقۇلىشى مۇمكىن.


ۋاقتى: 2012-7-26 19:25:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت ئەپەندىم  بۇتىمىنى قىززىقارلىق ھەم چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يېزىپسىز
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ..........!!!


ۋاقتى: 2013-4-5 01:05:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورموننى توغرا چۈشىنىش كېرەك.
دېمەكچى بولغىنىم ،زۆرۈر بولسا كىسەل  داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش زىيانلىق.


ۋاقتى: 2013-4-19 10:16:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئەلسىھەت ئەپەندىم  ئەرلىك ھورمون كەم بولسا قانداق كىسەللىكلەر كۇرۇلىدۇ  ئېغىر كورمەي جاۋاپ بەرگەن بولسىلا . ئاللا ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.


ۋاقتى: 2014-2-18 18:13:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈنۈشلۈك بۇلۇپتۇ。


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش