ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار كەمىنە ئەزمەتتىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام. ئالدىراشچىلىقتا تۈزۈكىرەك تىما يوللىيالمىدىم. بۈگۈن ئەلسىھەت ئۇستازغا ياردەملىشەي دەپ جىگەر كىسەللىكلىرى توغرىسىدىكى بىلىملەرنىڭ داۋامىنى سۆزلىمەكچىمەن. قېنى ئەمسە تىمىنى ئۇقۇپ باھا بىرىڭلار.
سەۋەبى : جىگەرنىڭ تال سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىشنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن ، تالدا سۇيۇقلۇق ئازلاپ كەتكەندىن كىيىن ، ئاشقازاندىكى گازنىڭ ئۆرلەپ تالغا قوشۇلۇپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدۇ .
ئالامىتى : كىسەلنىڭ تال ساھەسىنى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە ، ئورنى چوڭايغان ئەمما ، تال ساھەسى بوش بولۇپ ، بەزىدە كۆك سۇ ياندۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ .
داۋالاش ئۇسۇلى : ئاشقازاننى قىزىتىدىغان ھەم جىگەر خىزمىتىنى كۈچەيتىدىغان دورىلارنى بىرىش لازىم . مەسىلەن : جاۋارىش ئۇد شېرىن ، شارابى تۇرۇنجى قاتارلىق قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم.
تامىقىغا جىگەرنى قىززىتقۇچى ھەم يەل ھەيدىۈگۈچى تەبى سەۋدا خىلتىنى پەيداقىلغۇچى غىزالارنى بىرىش لازىم. مەسىلەن: ئۈگرىگە ئۆچكە گۈشى، پىدىگەن، كاللەك بەسەي، دانلىق پۇرچاقلاردىن سېلىپ بىرىش لازىم.