ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 193|ئىنكاس: 3

ئەتىياز پەسلىدە مىجەزىڭىزنىڭ چۇسلىشىشىدىكى سەۋەبلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                        ئەتىياز پەسلىدە مىجەزىڭىزنىڭ چۇسلىشىشىدىكى سەۋەبلەر


ئەتىياز پەسلىدە كۆپىنچە كىشىلەردە ئۇيقۇسىزلىق، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ جىگەر ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى. دانلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىش جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. مېغىز قاتارلىق دانلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەن ئورگانىزمىنى جانلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، دائىم يەپ بەرگەندە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. دان تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن، يىرىك تالا قاتارلىقلار مول بولۇپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، جىگەرنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە قىلىدۇ. دانلىق يېمەكلىكلەردىن: گۈرۈچ، كۆممىقوناق، سۇلۇ، ئۆرۈك مېغىزى، يەر ياڭىقى، تاتلىق بەرەڭگى، پىچەكگۈل، بەرەڭگى، تۇرۇپ قاتارلىقلار بار. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار كۆپرەك سۇلۇ ئۇمىچى ئىچىپ بەرسە قاندىكى ماينى تەڭشەپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكەندىن سىرت، ھەزىمنى ياخشىلاپ، زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىدۇ. مېغىز تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېگەندە ئەكس تەسىر بېرىشى مۇمكىن.


مەنبە: http://www.dildarim.com/saglamlik/


ۋاقتى: 2014-6-18 20:39:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزلەپ يۈرۈپ ئاخىرى تېپىپسىزدە بۇنىڭ جاۋابىنى. بارىكاللا. ئەمدى بىر ئۆمۈر چېچىلماي ئۈتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-19 09:50:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 20:39
ئىزلەپ يۈرۈپ ئاخىرى تېپىپسىزدە بۇنىڭ جاۋابىنى. بارىكا ...

نىمە ئەلسىھەت ئۇستاز خاتا كىتىپ قالمىغاندۇ بۇ ئىنكاسىڭىز، سىزنى پايدىلنىۋالسۇن دەپ يازغان تېما ئىدى بۇ ئەسلىدە (چاق چاق ھە)


باھا سۆز

ئەپسۇس مەن 4 پەسىلدە بىر خىللا تۇرىدىغان ئادەمدە  ۋاقتى: 2014-6-19 11:20
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش