ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 3

قىزىلگۈل ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

                                                     قىزىلگۈل ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ


قىزىلگۈل ھەم تەبىئەتنىڭ زىننتى ھەم ئىنسانلار ساغلاملىقىنىڭ ھەمراھى . قىزىلگۈلنىڭ تەمى قېرىقراق تاتلىق ، تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل ، زەھەرسىز بولۇپ ، يەلنى ھەيدەپ ، قاننى جانلاندۇرۇش ، مېڭە، يۈرەك، جىگەر، ئۆپكە، تال، ئاشقازان، ئۈچەيلەرنى قۇۋۋەتلەش ، قىزىتمىنى پەسەيتىش رولىغا ئىگە. ئۇنى يالغۇز ئىشلىتىشكىمۇ، باشقا دورىلارغا قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ .

قىزىلگۈلنى چاي ئورنىدا قايناق سۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچسە ، يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر، ئۈچەيلەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ . قاننى توختىتىدۇ . ئىسسىقتىن بولغان بىھۇشلۇققا، يۈرەك زەئىپلىكىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ .

ھۆل قىزىلگۈلنى خىمىر قىلىپ سۆگەل ، ھەرخىل ئىششىق ۋە سۇنۇقلارغا چاپسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇتۇلغىنىنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ جاراھەتلەرگە سەپسە جاراھەتنى قاتۇرۇپ ، يارا ئېغىزىدا گۆش ئۈندۇرىدۇ . قىزىتىما ئۆرلەپ كەتكەندە بىر سىقىم قىزىلگۈلنى 750 گىرام سۇدا قاينىتىپ ئىچىسە ، قىزىتىمىنى پەسەيتىپ ، يۈرەك ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ.

ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بولۇپ قالغان كىشى قىزىلگۈل گۈلقەنتىنى كۈنىگە 100 گىرامدىن ، ئاشقازان، مېڭە، ئۈچەي، تال كېسەللىكى بار كىشلەر كۈنىگە 50 گىرامدىن يەپ بەرسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ . بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا ياكى قورسىقى ئاغرىسا ، ئىككى گىرامدىن ئۈچ گىرامغىچە گۈلقەنت بەرسە ساقىيىپ قالىدۇ .



مەنبە: http://hawar.cn/news/2013/05/30/14569.shtml
ۋاقتى: 2014-6-16 12:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىنلىش قىممتى يۇقىرى تىما يۇللاپسز، قىزىلىگۈلنىڭ  بۇنداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلقنى منىڭچە  تىخى نۇرغۇن تۇرداشلارمىز بىلمەيدۇ،  بىز ئەتراپىمىزدىكى ئاللاھنىڭ بىزىگە بەرگەن ھەربىر نىھىتىدىن  تۇلوق پايدىلنشىمز كىرەك.مۇشۇنداق ياخىش تىملارنى كۈپلەپ يۇللاپ مۇنبىرىمزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىخمۇ كۆپ ھەسسە قۇشۇشىڭزغا تىلەكداشمەن.
ۋاقتى: 2014-6-16 12:55:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گېنرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 23:38  

يەنە بىر گەپ ھەرقانداق نەرسنىڭ ياخشى يامان تەرىپى بۇلغاندەك بۇنىڭمۇ  ،زىيانلىق تەرپىلىرنى  قۇشۇپ قۇيۇڭ ،بۇلمسا ئىشلەتكەنلەر بىلمەي قىلىپ گالىدىن ئۈتكەن خەنميەت دەپ كۆپ ئىستمال قىلىپ  ناچار تەسىر بىرىپ قۇيمسۇن،
ۋاقتى: 2014-6-18 20:36:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ. بىلگەننى تەكىراللىدۇق، بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق.  گۈلقەنىت شىكەر بىلەن گۈلدە ياسالغانلىقى ئۈچۈن قەنىت سىيىش كىسىلى بارلار ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش