ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 1

ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                               ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپلەر


ھازىرقى جەمئىيەتتە رىقابەت بارغانسېرى كۈچىيىپ، خىزمەت بېسىمى كۈنسېرى ئاچماقتا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىمىزمۇ بارغانسېرى قىسقىراپ بارماقتا. سىز ھەركۈنى ناھايىتى چارچاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلامسىز؟ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ياكى ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟ ياپونىيە WooRis تور بىكىتىنىڭ 3-ئىيۇندىكى ماقالىسى بىزگە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.


1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى

«يېقىندىن بۇيان ئۇنۇتقاق بولۇپ قالغان» كىشىلەر دىققەت، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ياشنىڭ چوڭىيىشى بۇنىڭ بىر سەۋەبى، بۇنىڭدىن سىرت ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىمۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇنىڭ خاتىرىلەرنى رەتلەش، كۈچەيتىش رولى بار. شۇڭا ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بۇ ئىقتىدارنىڭ نورمال جارى قىلدۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، خاتىرىلەر چوڭ مېڭىدە قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.

2. سەمىرىپ كېتىش

تىرىشىپ ئورۇقلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرگە ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئۇيقۇسىنى تەڭشەپ كۆرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز.

2007-يىلى كانادادىكى بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى 5-6 سائەتكە يەتمىسە، ئاستا خاراكتىرلىك ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاستا خاراكتېرلىك ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى ھەركۈنى 7-8 سائەت ئۇخلايدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى %69 غا يېتىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىتابولىزمنىڭ ناچارلىشىشى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋىتىدىكەن.

3. ئاسانلا كېسەل بولۇش

ئاسانلا كېسەل بولۇش بولۇپمۇ ئاسانلا زۇكام بولۇپ قېلىش پەقەت بەدەن ساپاسىنىڭ ناچار بولۇش مەسىلىسى ئەمەس، سىز دائىم زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئۇيقۇ بىلەن زور مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئويلاپ باققانمۇ؟

ئامېرىكا چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەر بىلەن ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولغان كىشىلەرنى سېلىشتۇرغاندا، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى رېئاكسىيىلىك ئاقسىل سانىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن، بۇ خىلدىكى ئاقسىلنىڭ كۆپىيىشى يۈرەك كېسەللىكى خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.

4. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى

ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ئادەم تىنىدە ئۇيقۇ دەۋرىنى كونترول قىلىدىغان ھورمۇن شەكىللىنىدۇ، ئەگەر ئۇيقۇ دەۋرى بۇزىۋېتىلسە، بۇ خىل ھورمۇن نورمال ئاجرىلىپ چىقمايدۇ.

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ھورمۇن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە ساغلام ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ماددىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، يەنى ساغلام ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ياخشى ياردەمچىسى. شۇڭا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرگەندىن يېتەرلىك ئۇخلىغان ئەۋزەل.

يۇقىرىقىلار ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆت خەۋپ، سىزدە بۇ خىل ئالامەتلەر بارمۇ؟ ساغلام بەدەن ۋە بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن، چوقۇم يېتەرلىك ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، شۇندىلا سېمىزلىكتىن، كېسەلدىن، راكتىن يىراق تۇرالايسىز.

http://hawar.cn/news/2014/06/04/26199.shtml
مەنبە؛


ۋاقتى: 2014-6-16 16:16:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخمۇ ياخشى نادىر تىملىرنى يۇللاپ  تۇرغايسىز،


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش