ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 255|ئىنكاس: 2

ئەتىيازدا كۆپ ئۇخلاش كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەتىيازدا كۆپ ئۇخلاش كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ


تەن ئاجىزلىشىپ كېتىش

   ئادەم ھەرىكەت قىلغاندا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشى كۈچلىنىدۇ، يۈرەك كۆپلەپ قان ئىشلەپچىقىرىدۇ؛ ئارام ئالغاندا، يۈرەك سوقۇشى، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشى ئاجىزلايدۇ، قان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئازىيىدۇ. كۆپ ئۇخلىغاندا، يۈرەكنىڭ ئارام ئېلىش ۋە ھەرىكەتلىنىش قانۇنىيىتى بۇزۇلىدۇ، يۈرەك تەكرار ئارام ئېلىشتا توختاپ قېلىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش كۈچى ئاجىزلىشىدۇ، ئادەم بىر ئارز ھەرىكەت قىلسىلا، يۈرەك ئاغىدۇ، يەنە داۋاملىق يېتىپ ئارام ئالغاندا، بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىۋېرىپ، تەن ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

    ئاسانلا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش

   سەھەردە ياتاقخانىنىڭ ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان بولىدۇ، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغان بىلەن، لېكىن قىسمەن بۇلغانغان ھاۋا يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ، بۇ خىل بۇلغانغان ھاۋانىڭ تەركىبىدىكى زور مىقداردىكى باكتىرىيە، ۋىرۇس، كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە چاڭ-توزانلارنىڭ نەپەس يولىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىگە زىيىنى بار بولۇپ، ئىشىك-دېرىزىنى ھىم تاقاپ ئۇخلايدىغان كىشىلەر ئاسانلا زۇكام، يۆتەل، ئانگىنا قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ.

    پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش

   ئارامدىن كېيىن دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرغاندا، مۇسكۇللارنىڭ كېڭىيىشى كۈچىيىدۇ، يەنە تېخى مۇسكۇلنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كېچىدە مۇسكۇللارنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان مېتابولىزىم ھاسىلاتلىرى تازلىنىدۇ. كۆپ ئۇخلايدىغان كىشىلەرنىڭ مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىدىغان ياخشى ۋاقىتى ئۆتۈپ كەتكەچكە، ئورنىدىن تۇرغاندا پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىپ، پۈتۈن بەدەن ھالسىزلىنىدۇ.

    ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش

   ئۇخلاپلا يۈرىدىغان كىشىلەر ۋاقتىدا تاماق يېيەلمەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان-ئۈچەي قالايمىقان لۆمۈلدەپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش قانۇنىيىتىنى بۇزىۋېتىدۇ-دە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     نېرۋا سىستېمىسىغا توسقۇنلۇق قىلىش

   ئۇخلاپلا يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسىي نېرۋىسى ئۇزۇن مەزگىل غىدىقلىنىش ھالىتىدە بولۇپ، باشقا ئاساسىي نېرۋىلىرىنىڭ تورمۇزلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، ھەرىكەت ھالىتىگە قايتىدىغان ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاستىلايدۇ، شۇڭا ئۇخلاپ قوپقاندا روھسىزلىنىپ كېتىدۇ.


مەنبە: http://www.qahna.com/web/show_sahlam.asp?id=328


ۋاقتى: 2014-6-7 23:09:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا دەيسىز ،ئۇيقۇ ھەققەتەن ئادەمنى ،ھۇرۇن خامۇش، ئاجىز قىلىپ قۇيىدۇ، كۇنلار بىكار ئىيتمايدۇ، سەھر تۇرساڭ سائادەت  دەپ ،ئۇيقۇننىڭ كۆپ بۇلۇشى ئادەمنىڭ مىزاجنى ھۆل-سۇغۇق كەيپىياتقا ئىلپ باردۇ، ئەزالارنىڭ خىزمتنى سۇسلاشتۇردۇ.


ۋاقتى: 2014-6-8 13:08:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلسام بولغۇدەك  مۇشۇ  كۈنلەردە مۇشۇكتەك  ئالامەت ئۇخلايدىغان بوپ  كەتتىم  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش