ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 309|ئىنكاس: 1

زامانىۋىي دوختۇرخانىلارد داۋالىنىش كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇرتىبابىتى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىخۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-5 16:20  

           ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئاللاھنىڭ سالامى سىزلەرگە بولسۇن؟
           مەن مۇنداق بىر مەسلە ئۈستىدە سىزدىن ۋە توردىكى تەجىربىسى بار قېرىنداشلارىن پىكىر تەكلىپ ۋە مۇنازىرە ئالماقچى.ھازىر ئۇيغۇر تىبابىتىمۇ تەرەققى قىلىپ نۇرغۇن ئېغىر كىسللىكلەرنى:ئەرلەر كىسەللىكى،ئايالار كىسەللىكى ،تېرە،يۈرەك،ئۆپكە،جىگەر،مىڭە...دىگەندەك كىسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك ئۇسولدا داۋالايدىغان سەۋيەگە يەتتى،بۇرۇنمۇ داۋالايتتى لىكىن ھازىرتېخىمۇ تەرەققى قىلدى ،مەخسوس غەرب دورىلىرىنى كىرگۈزمەي پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ دورىلىرى بىلەن كەلگەن بىمارلارنى رازى قىلىپ كىلۋاتقان دۇختۇر ،دۇختۇرخانىلارمۇ كۆپەيدى،لىكىن زامانىۋىي دوختۇرخانىلارمۇ بوش كەلمەي تېخىمۇ تېز تەرەققى قىلىپ مۇرەككەپ ،ئېغىر كىسەللەرنى تېخىمۇ تىز ئۈنۈملۈك ئۇسولدا (ئاللاھنىڭ شىپاسى بىلەن) ساقىيىتىپ كېلۋاتىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى 1-2-3- دوختۇرخانا،كوكرەك كېسەللىكلىرى ،يۈرەك،تېرە كېسەللىكلىرى دوختىرخانىسى ،بوغدادوختۇرخانىسى دىگەندەك.ھازىر دوختۇرخانىغا بارسىمۇ ھەرقانداق كىسەلنى ۋاي كىلىڭ داۋالايمىز دەيدۇ،تۇمۇرچى تىۋىپنىڭ يىنىغا بېرىپ قالسىڭىزمۇ ئوخشاش .مەن دىمەكچى مەسلەن مەن مەزى بېزى ياكى ئەرلەر كېسەللەىكى ۋە ياكى تېرە كېسەللىكلىرى  بۇلۇپ قالدىم ھازىر قەيەرگىلا بارسام داۋالايمىز دەيدۇ ،دورا ئۇكۇل ئېلىپ ياكى ئۇيغۇر تىبابىتى دورىسىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىمەن .قايسى ئۇسولدا داۋالانسا  ئىقتىساد،ۋاقىت،زېھىننى تىجەپ ئۇنۇملۇك ئۇسولدا مەقسەتكە يەتكىلى بۇلىدۇ ،ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۇرتۈپ ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى يىسە بۇلامدۇ ياكى بىۋاستە شۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆزىدە داۋالانسا بۇلامدۇ ۋە ياكى پۇتۇنلەي ئۇيغۇر تىبابەتتەمۇ؟قېنى ئەلسىھەت قاتارلىق ئۇستازلار ۋە ھەرقايسى مۇنبەر ئەزالىرى بىرلىكتە بىر ئورتاق پىكىرگە كەلسەك.

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
ۋاقتى: 2014-6-5 19:01:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ مەسىلىنى ئوتۇرغا قۇيۇپ ياخشى بىر مۇنازىرە باشلاپسىز.  قول ئىچىگە ئىگىلىدۇ دىگەندەك نۇرغۇن  تېۋىپ ياكى دوختۇرخانىلار ھەرخىل كىسەللىكلەرنى داۋالايمىز دەپ تۇرىدۇ.
بۇ يەردە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتگە بولغان چۈشەنچىسى توغرا بولماسلىقى ئۈچۈن كىلىپ چىقىۋاتقان ئىشلار ئاز ئەمەس.
ئۇيغۇر تېبابىتى ھەرگىزمۇ قاسىماخۇننىڭ بىر رىتسىپى ھەممە كىسەلگە پايدا قىلىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. غەرىپ تىبابىتى بولسا باش ئاغرىسا سەۋەبىگە قارىماي باش ئاغرىق دورىسىنى بىرىدۇ.  بەلكىم بىر ئۆمۈر دورا بىلەن باش ئاغرىقىدىن يىراق بۇلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق ئۇيغۇر تېبابىتى شۇ ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ دورا ئىشلىتىدۇ.
غەرىپ تېبابەتنىڭ تەرەققى قىلىشىنى تۈۋەندىكى نوختىلاردىن تەھلىل قىلساق بۇلىدۇ.
1-كوللىكتىپلىق روھى ياخشى - بىر دوختۇخانا قانداقتۇر يەنە بىر دوختۇرخانا بىلەن چىقىشالماسلىق ئەمەس بەلكىم بىر - بىرى بىلەن ھەمكارلىق، تەجىربە ئالماشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى بار.
2- ئىقتىساد ئامىلى - غەرىپ تېبابەتكە مەبلەغ سېلىش سېستىمىسى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن بۇلۇپ سېلىنغان مەبلەغنىڭ خەتىرى تۈۋەن، پايدىسى مۇقۇم. بۇ مەبلەغنى قايتۇرغۇچىلار دەل بىزلەر.....
3- يېڭىلىققا يۈزلىنىشى تىز - غەرىپ تېبابەتتە يېڭى تەتقىقات نەتىجىللىرى، يېڭى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىللىرى قاتارلىقلارنى سەزگۈر بۇلۇپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۈزىدە ھازىرلايدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتى بولسا
1- ئىدىيەدە قاتمال - ھازىرقى مۇنتىزىم تەربىلەنگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك تېۋىپلىرىمىزدىن باشقا بىرقىسىم تېۋىلار قاتام ئىدىيەدە بولۇپ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ماھىتىنى چۈشەنمەي قارىغۇلارچە كىسەل داۋالايدۇ.
2- ئىقتىسادى سېلىنما - شەخسىنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ پايدا زىيان شۇ شەخسىنىڭ ئۈزىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تەتقىقات سېلىنمىسى يوق.
3- يېڭىلىقنى ئاسان قۇبۇل قىلمايدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىللىرىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەقىياتىغا تەھدىت.

ئەمدى نەخ جاۋاپ بەرسەم قىسمەن ئېنىق بولغان كىسەللەردىن باشقا كىسەلىكلەرنى تەكشۈرتكەندىن كىيىن تېبابەتتە داۋالانسا ياخشى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش