قارا شېكەر
红糖
[تۇنۇش] بۇ باشاقلىقلار ئائىلسدىكى ئۆسۈملۈك شېكەر قومۇش غولنىڭ قىيامنى قاينىتىش ئارقىلىق ئېلنىغان شېكەرنىڭ بىرخىلى بولۇپ،تەمى تاتلىق،رەڭگى سارغۇچ،قىزىىل ياكى قارا رەڭلەردە بۇلىدۇ،شەكلى تالاسمان ياكى كاللەك ھالەتتە بولىدۇ،ئادەتتە ئائىلەردىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇئ
[تەبىئىتى] ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
[خۇسۇسىيىتى] قان كۆپەيتىش، ئوزۇق بولۇش، بەدەننى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش.
[ئىشلىتىلىدىغان كېسەللكلەر] قان ئازلىق، تال ئاجىزلىقى، ئورۇقلاش، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
[
1. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شېكەرنى ئارپىبەدىيان بىلەن دەملەپ ئىچىپ بەرسە قان كۆپەيتىپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ؛ توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئاياللارنىڭ سوغۇقى ئېشىپ بەدىنى ئاجىزلاشتىن كېلىپ چىققان ھەيزئاغرىتىپ كېلىشكە پايدا قىلىدۇ.
2. ئىزخىر10گرام، ئەفسەنتىن 15گرام، بادرەنجى بۇيا 15گرام، گاۋزىبان 10گرام، ئوغرىتىكەن 10گرام؛ قائىدە بويىچە قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ.
[ئىشلىتىش مىقدارى] 20~10گرام.
[زىيانلىق تەسىرى] كۆپ ئىستېمال قىلسا ھەزىمنى ناچارلاشتۇرىدۇ.
[تۈزەتكۈچىسى] پىننە.
[ئورۇن باسىارى] تاتلىق ئانار سۈيى.
ئەلسىھەت ئۇيغۇرتېبابەت تورى يازمىسى باشقۇرغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا توربەتلەرگەيوللاشقا بولمايدۇ!
|