ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 860|ئىنكاس: 0

جىگەر مەنبەلىك ئۆت خالتىسى يىگلەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەۋەبى : (1) جىگەرنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىشى ئاجىزلاشتىن بولىدۇ ؛ (2) ئۆت سۇيۇقلۇقنىڭ ئۆت خالتىسغا بارىدىغان ئۆت نەيچىلىرىدە توسۇلۇش كۆرۈلۈپ ئۆت خالتىسغا سەپرا خلتىنىڭ كېلەلمەسلىكىدىن بولىدۇ ؛ (3)ئۆت خالتىسدا تاش پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ئۆت خالتىسنىڭ قىسقىرىش، كىڭىيىش خىزمىتى سۇسلىشىش سەۋەبىلىك ئۆت خالتىسى يىگلەپ قۇرۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ .
داۋالاش ئۇسۇلى : جىگەرنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقنى  ئىشلەش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان بولسا ، جىگەرنى قىزىتىش ئۈچۈن داۋائىل كۆركەم ، جاۋارىش جالىينۇس، ماددەتۇلھايات ، جاۋارىش ئەنبەر بىرىش ، تامقىغا كەپتەر ، كەكلىك گۆشلىرى ياش ئەركەك قوينىڭ كاۋاپلىرىغا قارىمۇچ، زەنجىۋىل ، قوۋزاق دارچىن ، قاقىلە كاۋاۋىچىن سېلىپ بىرىش لازىم .  جىگەر بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى قۇيۇلىشتىن بولغان يىگلەشكە سىركەنجىۋىل بۇزۇرى ھارنى تاماقتىن بۇرۇن بېرىش تاماقتىن كىيىن ھەببى ئەفسەنتىن ، مائۇل ئۇسۇل ھار، شارابى بۇزۇرى ھار بېرىلسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئۆتتىكى تاشنىڭ تەسىردىن يىگلەش بولسا ، ئۆت خالتىستىكى سۇيۇقلۇق قۇيۇقلىشىپ تاشتەك قاتتىقلىشىشتىن   كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭ ئالامەتلىرىدە كۆڭلى تاماققا تارتماسلىق ، ئېغزى داۋاملىق قۇرۇش ، ئاچچىق بولۇش ، كۆپ ئۇسساش ، قورساق بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىپ سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ .  بۇنىڭ سەۋەبى جىگەر خىزمىتىنڭ ئاجىزلىشش سەۋەبىدىن ،
جىگەردىكى ماددىلار تولۇق پىشماي ھاسىل بولغان غەيرى سەپرانىڭ جىگەردە قېتىشما پەيدا قىلشىدىن بولىدۇ . داۋالاشتا ، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كىسلگە ھەم جىگەرنى قۇۋۋەتلەشتە قوللىنىغان چارىلەر قىلىنسا بولىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا سىركەنجىۋىل بۇزۇرى ، سىركەنجىۋىل رەۋەن ، شارابى بۇزۇرى ، ھەببى مۇددىرات سەنگى بىرىلسە ياخشىدۇر .
تامقىىغا نۇقۇت، قۇناق ئۇماچلىرىغا كەپتەر ، كەكلىك ، پاختەك گۆشلىرىنى ھەمدە سەۋزە، قارىمۇچ، زىرە ، پىننە سېلىپ بىرىش ياخشىدۇر . تۇخۇم ،جىگەر ، تال ، مايلىق گۆشلەردىن ھەمدە قوغۇن ، شاپتۇل ، ھۆل ئۈزۈمگە ئوخشاش سوغوق ھەمدە يەللىك نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ .   


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش