ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 0

تەپەككۇر ھېسلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-1 01:52 PM  

★مىللەتنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن بىر تامچە تەر ئاققۇزغىنىڭ ماھىيەتتە ئەۋلادنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مىڭ قۇدۇق قازغىنىڭدۇر.

★سەپەردە يولدىن ئاداشقانلار توغرا يولنى تىپىپ نىشانغا يىتىپ بارالايدۇ، ئەمما ئىددىيەدە ئاداشقانلار مەڭگۈ ئازغۇنلۇقتا قالىدۇ.

★مىھرىبانلىق— سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تۇتاش، رەزىللىك زۇلۇمغا يانداش.

★تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى يىشىللىق بىلەن، ئىنساننىڭ گۈزەللىكى پاك قەلىب بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

★سەن ئۇچۇشنىلا ئويلىماي، ئەشۇ مەزمۇت قاناتلىرىڭ كۈچتىن قالغاندا يەرگە قانداق قونىدىغانلىقىڭنىمۇ ئويلاپ قوي.

★ۋىجدانغا باشقىلار ھۆكۈمرانلىق قىلالمىغاندىكىن، ئۇنى قانداق ساقلاش پەقەت شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگىلا باغلىق.

★ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ھايات مۇساپىسىنى بىر قۇر ئەسلىسىلا، ئۆزىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ئىنسان ئىكەنلىكىگە لىللا جاۋاپ تاپالايدۇ.

★گۈزەللەرنى سۆيۈشتىن بۇرۇن، گۈزەللىكنى سۆيۈشنى ئۈگەن.

★بىرەر خاتالىقنى سادىر قىلىپ قويۇپ، ئاندىن «ئىنسان  دىگەن خام سۈت ئەمگەن بەندە» دىگىنىمىز، ئەشۇ پەرىشتە سۈپەت مىھرىبان ئانىلىمىزنىڭ ئاق سۈتىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەت قىلغىنىمىز بولماي نىمە؟؟؟

★رەزىل كىشىلەرنىڭ قولىدىن سەن ئويلاپمۇ باقمىغان رەزىللىكنىڭ كىلىدىغانلىقىنى ئېسىڭدىن چىقارما.

★بىراۋ ساڭا ناچارلىق قىلىپ سوغۇق سۇ چاچسا ، سەن سوغۇق سۇنى قاينىتىپ  ئۇنىڭغا چاي قىپ تۇت ، كەڭ قورساقلىق ئەپۇچانلىق- مۇسۇلماننىڭ پەزىلىتىدۇر .  

★ ئەي يىگىت شۇنى بىلگىنكى ، قىلىچ تەڭلىگەن دۈشمىنىڭدىن ھاراق تەڭلىگەن دوستۇڭ خەتەرلىكتۇر ، ئالدىنقىسى جىسمىڭنى زەخمىلەندۈرسە ، كىيىنكىسى روھىڭنى، ئىمانىڭنى بولغاپ تۇگەشتۇرىدۇ.  




مەنبە: تەپەككۇر مۇنبىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش