ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 0

قول-پوت تەمرەتكسىنڭ تونۇش ۋە داۋالاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قول-پوت تەمرەتكسى
手足癣

تونۇش؛ قول ۋە پوت تېرسدە سۇلۇق قاپارتىما ئۆرلەش، قاتتىق قىچشش، مۈڭگۈزلىشىش، شەلۋەرەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندىغان بىر خىل تېرە كېسەللكى بولۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىردە قۇبائى ئەتراف دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى ؛
قان خىلتىنىڭ ئۇفەتلىنشدىن  پەيدا بۇلىدۇ،
خىلىتىلىق خىلتسىز ئىسسىق كەيىپياتلارنىڭ قان خىلتىغا تەسىر قىلشىدىن تاشقى مۇھىتتىكى جاراسىملارنىڭ تېرلەر ئارقىلىق قان خىلتىنى ئۇفەنەتلەندۇرۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق مۆچە ئۇچىلىرىغا تەسىر قىلىشتن بۇ كېسەللك كېلىپ چىقىدۇ.
2. بەلغىمى شوردىن پەيدا بۇلىدۇ.
ھەرخىل ئىچىكى –تاشقى ئامىللار تەسىردە بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە ئۈتكۈر ھارارەتلىك سەپرا خىلىتى تەسىر قىلىپ بەلىغمى شورىنى شەكللەندۈرۈپ ،قان ئايلىنىش ئارقىلىق مۇچە ئۇچىلىردىكى تېرىلەرگە تەسىر قىلىدۇ.بۇخىل خىلىت قىيام جەھەتتە نىسبەتەن قۇيۇق بولۇپ  تۇقۇلما، ئارلىق بۇشلۇقىدىكى بىرلىك مىقدارى كۆپىيىپ توپلىندۇ.شۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇن سەزگۈ نېرپىلىرىنى غىدىقلاپ نېرۋىلىق تەڭشلشنى قالايىمقانلاشتۇرۇسا  يەنە بىر جەھەتتىن تېرنىڭ تۇتۇش قۇۋتىنى كۆچەيتىپ تېرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش خۇسۇسىيتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ بۇ كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ.
ئالامىتى؛ قول، پوت تەمرەتكسى بالىلارغا قارىغاندا ياشلاردا ياكى ياشلىق دەۋىردىن كىيىن كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.ئەر-ئاياللىق پەرقى ئېنىق ئەمەس،كىلنكدا ئادەتتە ئۈچ تۈرىگە بۆلىندۇ.
1. سۇلۇق قاپارتقۇ تىپى ؛
ئالقان،بارماقلارنىڭ گىرۋەكلىرى ،پوت،بارماق ئارىلىقلىرى ،تاپان ،پوت گىرۋىكى قاتارلىق ئۇرۇنلاردا كۆپ پەيدا بولىدۇ،دەسلەپتە گۈرۈچ چوڭلۇقىدا سۇلوق قاپارتقۇ پەيدا بولىدۇ، قاتتىق قىچىشدۇ، قاپارتقۇ دىۋارى پارقىراق ،قېلىن بولۇپ ئاسانلىقچە يېرلىمايدۇ،سولۇق قاپارتقۇلار بىرلىشپ چوڭ سولۇق قاپارتقۇلارنى پەيدا قىلىدۇ.سۇلۇق قاپارتملار ئۆزلۈكىدىن قۇرۇپ ھالقىلق قاسىراق شەكللەندۈردۇ.بۇخىل تىپى ياز پەسىلىدە كۆپ كۆرلىدۇ.
2.مۈڭگۈزلىشىش تىپى؛
ئەڭ كۆپ ئۇچرايىدىغان تىپى بولۇپ دائىرلىك داغ ياكى يېيلما خاراكىتىرلىك قېلنلىشدۇ، يىرىكلىشدۇ، كېپەكلىشدۇ. سىرتىقى يۈزىنى قاسىراق قاپىلۋالىدۇ.
چېگرسى ئېنىق بولۇپ مەركىزى يېرىق نىسبەتەن ئېنىق بۇلىدۇ.يېرىق پەيدا بۇلغاندىن  كېيىن ئاغرىش ،قاناش پەيدا بۇلىدۇ. بۇ خىل تىپى تاپاندا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تەرەققىي قىلىپ پوت، قول دۈمبسىگە پەيدا بۇلىدۇ، كۆپىنچە قۇرغاقلىشىپ تەرلمەيدۇ. ياز قىش پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
3. پىشلاقىلىشىپ شەلۋەرەش تىپى ؛
بارماق ئارلىق تېرلىرى پىشلاقلىشپ ئاقىردۇ، يۈزەكى تېرسى سويۇلۇپ قىزىرىپ شەلۋەرەيدۇ، سېسق پۇرايدۇ، قېچىشىدۇ، پوت بارماقلارنىڭ 3-،4-،5- بارماقلىرى ئارلىقلىردا  كۆپ كۆرۈلىدۇ.
ئاقىۋتى ؛
پىشلاقلىشىپ شەلۋەرەش تىپىدىكى تۈرىدە ئەگەر تېرە زەخمىسى ئىككلەمچى يۇقۇملىنش پەيدا بۇلسا تىلما، لىمفا كانلى ياللوغى ،ھەرە كۈنكىسمان توقۇلما ياللوغى، پوت دۈمبسى ئىشىش، تۈۋەنكى مۈچنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
دىئاگنۇز ئاساسىي؛
تېرە زەخمسنڭ ئالاھىدىلىكى، بەدەنىگە چىقىش ئالاھىدىلىكى، يەرلىك ئۇرۇنىدىن زەمبۇرۇغ ئېلىپ تەكشۈرۈش تەجىربسى مۇسپى بولۇشقا ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيۇلىدۇ.
سېلشتۇرۇما دىئاگنۇز؛
سۇزۇلما خاراكتىرلىك ھۆل تەمرەتكىدىن پەرقلەندۈرۈپ دىئاگنۇز قۇيۇلىدۇ. سۇزۇلما خاراكىتىرلىك ھۆل تەمرەتكە بولسا ئۆتكۈر ھۆل تەمرەتكىدىن ئۆزگىرىپ كېلىدۇ. تېرە زەخمسى قارامتۇل قىزىل رەڭىدە قېلنلايدۇ، تېرە زەخمسنىڭ  ئەتراپدا دۆڭچە ئەسۋە ،ئەسۋەلىك قاپارتما پەيدا بولىدۇ، يۈز، پوت، قول، مۈچە، سىرتقى جىنسىي ئەزا قاتارلىق جايلاردا كۆپ يۈز بىرىدۇ.كېسەللىك جەريانى ئۇزاق بولىدۇ.
داۋالاش پرنسىپى ؛
1. قان تازىلاپ، ياللوغ قايتۇرۇپ، قاننىڭ ھارارتنىى تەڭشەش مەقىستدە دۇرا ئىشلىتىلىدۇ.
2.خىلتلار تەڭپۇڭلقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقستدە بەلىغمى شۇرنىڭ مۇنزىچ، مۇسھىل بىرىلىدۇ.
3.قېچششنى توختىتىش، يەرلىك ئۇرۇنىنىڭ ماددا ئالمىشش مەقىستدە دۇرا ئىشلىتىلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى؛
قان تازىلاپ ياللوغ قايتۇرۇش مەقىستدە مەتبۇخ شاھتەررە 100 مىللىلىتردىن ئىككى ۋاخ، مەتبۇخ ھېلىلە 50 مىللىلىترىدن 2 ۋاخ، شەربىتى ئۆشبە 50 مىللىلتىردىن 2 ۋاخ، ئىترىفل شاھتەررە10 گرامدىن 2 ۋاخ، قۇرسى كىبرىت 2~5 دانە، كۈندە بىر قىتىم بېرلىدۇ.
بەلىغمى شۇرىغا مەخسۇس مۇنزىچ تەييارلاپ كۈنىگە 100 مىللىلتىردىن ئۈچ ۋاخ ماددا پىشقۇچە بېرلىپ ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلىگەندە  بەدەن ئەۋالى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بىرىپ ماددا تەنىقىيە  قىلىنىدۇ.
قىچششنى يوقىتىش، يەرلىك ئورۇنىنىڭ ماددا ئالمششنى كۈچەيتىش مەقىتىدە رەۋغىنى كىبرىت ،رەۋغنى سىماب،،مەلھمى سوئفە تاللاپ ئىشلىتلىدۇ.
بىراق سۇلۇق قاپارتما تىپى ۋە پىشلاقلىشىپ شەلۋەرەش تىپىغا  ئالىدى بىلەن شاھتتەررە،مامرانچنى ،چۆپچىن 20 گرامدىن خەشخەش پوستى، قىزىلگۈل، ئانارگۈلى 10 گرامدىن ئىلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ يۇيىلىدۇ. دۇرا پىسەپلىرى يەرلىك ئۇرۇنغا تىڭلىدۇ، مۈڭگۈزلىشش تىپغا؛ گۈل يىغى، تۇخۇ يىغى، زەيتۇن  يىغى سۈركىلىدۇ. ھۆللۈق قاپارتملار قۇرۇپ، شەلۋەرەش تۇخىتغاندا ئاندىن ئالدىنىقى ماي (رەۋغەن) دۇرىلاردىن تاللاپ سۈركىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار؛
قاننى قىزىتىپ سەپرانى كۆپەيتكۈچى غىزالارنى كۆپ ئىستمال قىلماسلىىق، غىزالارنى مىزاجىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىستمال قىلىش، لازا ئاچچىقسۇ، كالا گۈشى، ھاراق قاتارلىق غىدىقلغۇچى غىزارلارنى ئىستېمال قىلماسلىق، شەخسي تازىلققا دىققەت قىلىپ يۇقۇملانغۇچلارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كىرەك.
ئۇيغۇر تېبابىتى تىرە كىسەللىكلەر ئېلىمىدىن ئېلىندى.
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت تورى تەييارلىدى. باشقا تور بەتلەرگە كۈچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!
مەڭگۈلۈك تور ئادىرسىمىز: www.alsihat.com


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش