ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 556|ئىنكاس: 2

مەزى بىزى كىسەللىكىدىن جىددى ياردەم بەرگەن بولساڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن بۇ يىل 20ياشقا كىردىم .مەندە  جىنسى مۇناسىۋەتتە مەنى تىز كىتىدىغان .(بىر مىنۇتقىمۇ بارمايدۇ)
مەنى ئاغىرتىپ كىلدىغان .سۈيدۈك ئىچىشىپ كىلدىغان سۈيدۈك تامچىلايدىغان .كىچىك تەرەتتىن كىيىن مەنىيگە ئوخشاش شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كىلدىغان .ئەھۋاللار بار . بۇ كىسەللىك ئەھۋالىمغا 4-3يىلچە  بولدى .
باشقىلارنىڭ ۋە ئويدىكىلەرنىڭ بىلىپ قىلشىدىن نۇمۇس قىلىپ  ئوزۈم يۇشۇرۇنچە دورا ئىستىمال قىلغان ئىدىم .خىلى ئۈنۈمى بولغانتى .لىكىن ئىقتىسادىم يار بەمەي دورىنى ئۈزۈپ قويدۇم  .بىر مەزگىلدىن كىيىن كىسەللىك ئەھۋالىم يەنە ئەسلىگە كىلۋالدى . .ئوزۈمنى تەكشۈرتسەم .مەزى بىزى ياللۇغى بوپقاپسىز  .بۆرەك ئاجىزلاپ كىتىپتۇ دەپ چىقاردى.ئۇ دوختۇر ماڭا جۇڭيى تىبابىتى دورسىدىن ئىككى باسقۇچ دورا بەردى .باشتا خىلى ئۈنۈمى بولغاندەك قىلغانتى .كىيىن دورىنى توختاتقان ھامان يەنە ئەسلىگە كىلۋالدى .
ھازىر روھى كەيپىياتىممۇ تازا ياخشى ئەمەس .ئۆزۈمنى ئادەم كۆپ يەرلەردىن قاچۇردىغان بولۇپ قالدىم
.ئانانىزىمنى تاشلىغىلى بىر يىلدەك بولدى .
ئويغۇر تىبابىتىدىن داۋالىنىش قارارىغا كەلدىم . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .ئۇستازلارنىڭ ياردەم قىلشىنى سورايمەن


ۋاقتى: 2014-6-1 14:17:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. دىئاگۇنۇز ئېنىق بولغان ئىكەن مۇنبەردىن بىر ئىزدەپ باقسڭىز جاۋابى چىقىتى قېرىندىشىم. مەزىبىزى ياللۇغى توغرىسىدىكى يازما بۇ مۇنبەردىكى ئەڭ كۆپ يازما دىيىشكە بۇلىدۇ.
ئاددىلا داۋالاش لاھىسىنى سۆزلەپ بىرەي. 1- سىز جەزمەن پەرھىز تۇتىسىز. پەرىز تۇتىدىغان نەرسىلەر سوغوق تەبىئەتلىك يىمەكلىك ۋا يەللىك يىمەكلىك، سوغوق ئىچىملىك قاتارلىقلار.
2- ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ھەببى كاكنەچ، ھەببى بانادۇق، ھەببى مەزى، قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىسىز. پەرىز ياخشى تۇتۇلۇپ بۇ دورىلارنى ۋاختىدا ئۆلچەملىك مىقداردا ئىچسىڭىز 20 كۈندىن 30 كۇنگىچە ئىستىمال قىلسىڭىز  بۇلىدۇ.
3- ياللۇغ قايتىپ بولغاندىن كىيىن بىر مەزگىل قۇۋەتلۈگۈچى دورا ئىستىمال قىلسىڭىز بۇلىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-1 17:23:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسلەھەت بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت .ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن
مەن سىز دىگەن رىتسىپ بويىچە دورا  يەپ باقاي .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش