بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلچۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-29 03:10
دېھقان تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بىر سىڭلىمىز بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، 8-9يىل بوپتۇ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ كۆپ دوختۇر ۋە تېۋىپلارغا كۆرسىتىپ دورىسىنى يىگۈزۈپتۇ لىكىن ياخشى داۋاسى بولماپتۇ، بەزىدە سەل كېڭىيىپ قالىدىكەن، دورا ئىشلىتىپ، پەرھىز قىلىپ بەرسە توختاپ قالىدىكەن، لىكىن يوقالماپتۇ. بۇ كېسەل ئۇ قىزغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېغىر روھى بېسىم بوپتۇ. بۇنى كۆرگەندىن كىيىن بىز 2-ئايدا ئۆزىمىز خوتەنگە كېسەل كۆرسىتىشكە بېرىشقا بىرلەشتۈرۈپ بۇ قىزنى بىرلىكتە خوتەنگە ئېلىپ باردۇق ۋە بىر نەچچە تېۋىپقا كۆرسەتتۇق. تېۋىپلارنىڭ ئورتاق قارىشىدىن بىرى ھاۋا ئىسسىغاندىن كىيىن ئاپتاپ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش بولدى. ئىككى تېۋىپتىن دورا سېتىۋالدۇق ھەمدە ياز بولغىچە بۇ دورىلارنى يەپ تۇرىدىغان، ھاۋا ئىسسىغاندىن كىيىن قايتا ئاپتاپ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ داۋالىتىدىغانغا كېلىشتۈق. ئۇ چاغدا بۇ ئاق قىزنىڭ ئىككى قېشىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، رەڭگىمۇ سۇسراق ئېدى. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىر مەزگىل شۇ دورىلارنى يىدى. ئارىلىقتا يەنە بىر تېۋىپ دوستىمىزنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن قەشقەردىكى بىر تېۋىپقا كۆرسىتىپ باقتۇق، ئۇ كىشى كېسەلنى كۆرۈپ بىزنىڭ بايانىمىزنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا بىر قاتار چۈشەنچىلەرنى بېرىپ، بۇ كېسەلنى مەلۇم دوختۇرخانىدا داۋالىتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ئىكەنلىگىنى تەۋسىيە قىلدى. بىز بۇ كىشىگە قايىل بولۇپ، قىزنى شۇ دوختۇرخانىغا ياتاققا ئالدۇردۇق. ئۇندىن كىيىن ئالدىراشلىق تۈپەيلىدىن مەن كېسەلنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىدىم. بۈگۈن سىڭلىمىز بىزنىڭ ئۆيگە كەپتۇ، قارىسام كېسەل ئىككى قېشىنىڭ ئۇچىغىچە تارقاپ، قېشىنىمۇ چۈشۈرۈۋىتىپتۇ. ئەھۋالىنى ئۇقسام دوختۇرخانىدا 49كۈن يېتىپتۇ، دورىسىنى بەلگىلىگەن بويىچە يەپتۇ، پەرھىزدە تۇرۇپتۇ (ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەل پەيدا بولغاندىن بۇيان ئىزچىل پەرھىزدە تۇرۇۋاتقان) ھەمدە قىزىل ئېنفىرا نۇر ۋە ئاپتاپ بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىپتۇ. دوختۇرلار پات-پات تەكشۈرۈپ ياخشىلىنىش بولۇۋىتىپتۇ دەيدىكەن، لىكىن ئەمەلىيەتتە كېسەلنىڭ ئورنى كېڭىيىپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا دوختۇرلار «ئەمدى قايتىپ ئۆيىڭىزدە دورا يىسىڭىزمۇ بولىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقىپتۇ. ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئەھۋالى ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك.
تىببى ساھەدىكىلەر ۋە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ساقايغانلاردىن سورايدىغان مەسلىھەتىم:
1. كېسەلنىڭ داۋالاش جەريانىدا كېڭىيىپ كەتكەنلىگى ساقىيىۋاتقانلىغىنىڭ بىشارىتىمۇ ياكى يامانلىشىپ كەتكەنلىگىنىڭمۇ؟
2. بۇ داۋالاش (دورا يىيىش)نى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى توختىتىش كېرەكمۇ؟
3. بۇ كېسەلنى داۋالاپ ئۈنۈملۈك ساقايتقانلار ۋە ئۈنۈملۈك ساقايغانلار بارمۇ؟
بۇ كېسەل گەرچە ئېغىر كېسەل بولمىسىمۇ لىكىن روھى ئازابى ۋە بېسىمى ھەرقانداق ئېغىر كېسەلدىن قېلىشمايدىكەن، ھەتتا ئادەمنىڭ تەقدىرىگە، ئىستىقبالىغا ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. شۇڭا بەرەس بېمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئازابىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىش ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ئورتاقلىشىپ باقساق!