ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 334|ئىنكاس: 2

بۆرەكتىكى تاشنى قانداق داۋالاتساق بولار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    مېنىڭ ئىنىمنىڭ ئىككىلا بۆرىكىدە تاش بولۇپ، 1993-يىلى بىر تەرىپىنى، 2009-يىلى ئىككىنچى تەرىپىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تاشنى ئالدۇرغان(ئۇ چاغدا ئاۋۇ تاشنى ئېلىۋەتكەن تەرەپكىمۇ يەنە تاش يىغىپ بولغان ئىكەن). ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئىككىلا بۆرىكى يەنە بىئارام قىلىپ يۈرگەنلىگى ئۈچۈن بۇ يىل 1-ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا يەنە ئاپىرىپ ياتاقتا ياتقۇزۇپ نەيچە ئارقىلىق تېشىپ ئوپراتسىيە قىلغۇزدۇق. ئەينى چاغدا بىر بۆرىكىدىكى تاش چوڭراق ھەم ئاغرىتىدىغان بولۇپ، يەنە بىر بۆرىكىدىكى تاش ئاغرىتمايدىكەن. بىز ئەسلى ئېغىرراق تەرەپنى ئاۋال داۋالىتىشنى نىشانلاپ ئاپارغان. لىكىن دوختۇرلار ئوپراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى بىزگە ئاۋال يېنىك تەرەپنى ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىغىنى ئۇقتۇردى. بىز ئۆز پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەمما ئۇلار «ئاۋال يېنىك تەرەپنى ساقايتىۋىتىپ ئاندىن ئېغىر تەرەپكە ئۆتۈش »مەنتىقىسىنى بىزگە ئېزىپ ئىچۈرۈپ، باش دوختۇر ۋە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرى ئىكەنلىگىنى قەيت قىلىۋەرگەنلىگى ئۈچۈن بىز ئاخىرىدا بەرىبىر ئىككىلا بۆرەكنى ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ داۋالىتىدىغان بولغاندىن كىيىن دوختۇرلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلايلى دەپ قوشۇلدۇق. نەيچە كىرگۈزۈپ تاشنى ئېتىپ پارچىلاپ ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە بىر نەچچە ئۇششاق پارچىلانغان تاشنى ئاپتۇ، بىزگە كۆرسەتتى. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە قايتۇرۇپ چىقتۇق. ئەينى چاغدا قايتا تەكشۈرگەندە بۆرەكتە يەنە بىر كىچىكرەك داغ كۆرۈنۈپتۇ، دوختۇرلار ئۇنى ئوپراتسىيە جەريانىدىكى قان ئۇيۇمىسى دەپتۇ.
          ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كىيىن  بۇ قېتىم ئاي بېشىدا ئىنىم دوختۇرلارنىڭ بۇ قېتىم يەنە مۇتەخەسىس تەكلىپ قىلغانلىق تېلىفونىنى تاپشۇرۇۋىلىپ يەنە ئۇ دوختۇرخانىغا باردى. ياتاق رەسمىيەتلىرى ۋە تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ، ئەتىدىكى ئوپراتسىيىنىڭ تەييارلىقىغا چۈشكەن كۈنى دوختۇرلار ئىنىمنىڭ سورىغان سۇئالىغا (ئۇ دوختۇرخانىنىڭ ئاشۇ بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلىرى تەكشۈرۈشلەرنى تولۇق قىلىدىكەن، ئەمما كېسەل سورىمىسا كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بەرمەيدىكەن، سورىسىمۇ ئۇلار بەكلا ئالدىراش بولغانلىغى ئۈچۈن تومتاقلا جاۋاپ بېرىشىدىكەن، تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ۋە پىكىرلىشىش مەۋجۇت ئەمەسكەن) جاۋاپ بېرىپ، ئەتە ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىغىنى، ئۆتكەن قېتىم ئوپراتسىيە قىلغان تەرەپتە تاش چالا قالغانلىغى ئۈچۈن بۇ قېتىم شۇ تەرەپتىكى چالا تاشنى ئېلىۋىتىپ، كېلەر قېتىم كەلگەندە ئاۋۇ ئېغىر تەرىپىنى داۋالايدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. بۇ چاغدا ئىنىم بىلەن دوختۇرلار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن مۇنازىرە، دىئالوگلار بولۇپ ئۆتتى. ئىنىم ئاۋال ئېغىر تەرەپنى ساقايتىۋىتىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇلار «كەسپى مەسئۇلىيەتچانلىق نوقتىسىدىن» بۇ مەسىلىگە ناھايىتى «ئەتراپلىق قاراپ»، چوقۇم ئاۋال يېنىك تەرەپنى سەللىمازا ساقايتىۋىتىپ ئاندىن ئېغىر تەرەپكە ئۆتىدىغانلىغىنى، بۇنىڭ مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسىنىڭ پىكرى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ ۋە ئىنىمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي ئوپراتسىيە تەييارلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋېرىپتۇ.
     بىز كۆپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى داۋالاشتىن ۋاز كېچىشنى، دەرھال بۇ دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقىشنى قارار قىلدۇق. بۇ چاغدا مەسئۇل دوختۇر ئىنىمغا كۆپ خىزمەت ئىشلەپ ئۇنى بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي دەرھال ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا قايىل قىلماقچى بوپتۇ، ئىنىم قايىل بولمىغاندىن كىيىن دوختۇر ئىنىمنىڭ دەسلەپتىكى تەلىۋىگە (ئېغىر تەرەپنى ئوپراتسىيە قىلىش تەلىۋىگە) قوشۇلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپتۇ، بىز ئۆز قارارىمىزدىن يانمىدۇق. ئىنىمنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلغان تەرەپنى داۋالاشقا دوختۇرلار قوشۇلىۋاتسا ئۇنىڭ يەنىلا بۇ ئوپراتسىيەدىن ۋاز كېچىش، دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىش قارارى دوختۇرنىڭ زادىلا كاللىسىدىن ئۆتمەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا چىقىش رەسمىيىتى بىجىرىپ بېرىشكە قوشۇلماپتۇ، ئوپراتسىيە تەييارلىقلىرى داۋام قىلىۋېرىپتۇ، دوختۇر ئىنىمغا ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئېلىپ كېلىشنى، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قايىل قىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. ئىنىم ۋە بىز ئاخىرقى قارارىمىزدىن يانمىدۇق.
     دوختۇرلار قوشۇلمىغان ئەھۋالدا مەن ئىنىمغا دوختۇرلارغا ئۆزىنىڭ چىقىپ كەتكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇپ رەسمىيەت بىلەن كارى بولمايلا قايتىپ چىقىۋېرىشنى ئېيىتتىم. ئىنىم دوختۇرغا بۇنى يەتكۈزگىلى ئاخىرقى قېتىم ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئىنىمنىڭ «ئاڭسىزلىغى»، مۇشۇنداق مۇھىم پەيىتتە داۋالىنىشتىن ۋاز كېچىشى دوختۇرنى قاتتىق ئەپسوسلاندۇرۇپتۇ. بۇ دوختۇر ئىنىمغا بولغان «چەكسىز ھېسىداشلىق» ۋە «كېسەللەرگە بولغان چەكسىز مىھىر-مۇھەببىتى» بىلەن ئىنىمغا ئاخىرقى قېتىم كۆپ نەسىھەت قىپتۇ، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا قوشۇلسىلا ئۆز تەلىۋى بويىچە ئېغىر تەرەپنى ئوپراتسىيە قىلىدىغانلىغىنى، چالا قويماي پاك-پاكىز ئېلىۋىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ (ئۇلارنىڭ نەچچە سائەت ئاۋالقى پىكىرلىرىدە ئېغىر تەرەپنى ئوپراتسىيە قىلىپ تاشنى پاكىز ئېلىش مۆمكىن ئەمەس، ئۇ بۆرەكتە 3سانتىمىتىرلىق تاشتىن ئۈچى، ئۇنىڭدىن كىچىك تاشلاردىن نۇرغۇنى بولۇپ، چوڭلىرىنى ئامال قىلىپ ئالسىمۇ ئۇششاقلىرىنى پاكىز تازىلاپ بولۇش مۆمكىن ئەمەس دىيىلگەن، ئىنىم ماڭا قىلغان تېلىفونىدا ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيران قالغانلىغىنى، ئۆزىنىڭ بۆرىكىدە تاش بارلىغىغا ئىشەنسىمۇ ئەمما ئاشۇ كىچىككىنە بۆرەكتە 3سانتىمىتىرلىق تاشتىن 3 يەنە نۇرغۇن ئۇششاق تاشلار بار ئىكەنلىگىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىغىنى ئېيىتقان ئېدى.  ئەلۋەتتە ئىنىم «تىببى رەسىمنى چۈشەنمىگەچكە» ئۇلار ئىنىمغا رەسىمنى كۆرسىتىپ يۈرمىگەن ئىكەن).
     ئۇ دوختۇر يەنە ئەگەر ئىنىم قوشۇلسا ئۇ ئىنىمغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا 5000يۈەن تالۇن يېزىلمايدىغان مۇتەخەسىس ھەققىنىڭ 3000يۈەنىنى كەچۈرۈم قىلىپ پەقەت 2000يۈەن مۇتەخەسىس ھەققى ئېلىپلا داۋالاپ قويىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. دوختۇر شۇنچە «كۆيۈنۈپ» شۇنچە «مىھرىبانلىق» كۆرسىتىۋاتسىمۇ بىزلەر ساراڭدەك ئۆز قارارىمىزدىن يانماي ئىنىمنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ كەلدۇق. ھازىر تەييارلىق قىلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىببى ئۈنۋېرسىتىت قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولۇۋاتىمىز.
    ئىنىم ھازىر 36ياشقا كىردى. 3قېتىم بۆرەك ئوپراتسىيىسىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ھازىر 4-قېتىملىغىنى كۈتۈۋىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. تىببى ساھەدىكىلەر ۋە بۇ كېسەلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ساقايغانلار مەسلەھەتىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار،.
    1. بىز بۇ كېسەلگە قايسى خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاپ قوللانساق ئەڭ مۇۋاپىق؟ 2
    2 .  2سانتېمىتىردىن ئېشىپ كەتكەن تاشنى دورا بىلەن ئېرىتىپ چۈشۈرۈش ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوقمۇ؟
    3. بۆرەكنىڭ يەنە داۋاملىق تاش يىغىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟


ۋاقتى: 2014-4-29 11:14:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇرۇن ئوپىراتسىيە قىلغاندىن كىيىن بۆرەكتىكى تاشنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان دورا ۋە يىمەكلىك ئىشلىتىش ئارقىلىق قايتا تاش پەيدا بۇلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك ئىدى. ئەمدى پۇشايماننىڭ پايدىسى يوق.
ئىنىڭىز 3 سانتىمىتىرلىقتىن 3 دانە ۋە ئۇششاق تاشتىن نەچچىسى پاتمايدۇ دەپ ئويلىغان بولسا خاتا كۆزقاراش بوپ قاپتۇ. 11 سانتىمىتىرلىق ئۇيۇل تاشنىڭ بىر بۆرەكتە پەيدا بولغىنىمۇ بار. ئەلۋەتتە بۆرەكمۇ بىر مۇسكۇل ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن تاش يوغنىغانچە بۆرەكمۇ يوغىناپ بارىدۇ.
ئەمدى ئىنىڭىزنىڭ بۆرىكىدىكى تاش بۆرەك ئۇيۇل ماددىسى ئىچىدە بولمىسىلا تامامەن چۈشۈشى مۇمكىن ئىدى. لىكىن ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان ھەر قېتىمىدا چۈشۈش ئىھتىماللىقى تۈۋەنلەپ ماڭىدۇ. 3 قېتىم ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان بولسا %50 ئەتىراپىدا ئۈمۈت قالىدۇ.
قايتا تاش پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇربا سۈيىنى تىندۇرۇپ ئىشلىتىش، 1- دەرىجىلىك ئاق ئۇن ئىشلەتمەسلىك، سەي - كۆكتاتلارنى ئۈزى تەبىئى ئۆستۈرۈپ ئىستىمال قىلىش ياكى قۇرۇت چۈشكەنلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش كىرەك.
يىمەكلىكىگە زەيتۇ ياكى كۈنجۈت مېيى ئىشلىتىش، كۈجۈت مېيىدا باچكا قورۇپ يەپ بىرىش كىرەك.


ۋاقتى: 2014-7-2 00:10:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت ئۇستا مەسلەھەت بەرسىڭىز بۆرەك ۋە سۈيدۈك يۇلىدىكى تاشنى ئۈسكىنە ئارقىلىق ئىزىپ پارچىلاپ چۈشۈرۈشكە قانداق قارايسىز ؟ بۇنداق تاش چۈشۈرۈشنىڭ خەتىرى بارمۇ مەسلەھەت بەرسىڭىز


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش