[ تۇنۇش] بۇ سىر دەرىخى ئائىلسدىكى ئۆسۈملۈك ئامنىڭ مېۋسى بولۇپ ،شەكلى ئېلىپىس شەكللىك ياكى بۆرەك شەكللىك سەل ياپلاق، ئۇزۇنلۇقى 6~15 سانېتىمىتر ، رەڭگى سېرىق رەڭلىك ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ،ئىچدە ئۈچكىسى بولۇپ، شەكلى بۆرەك شەكلىق ياكى تۇخمسىمان يۇملاق شەكللىك ،ئېتى قىلىن بولۇپ ،يېيشلىك تەمى تاتلىق ،پورىقى سوس،ۋەزنى ئېغىر ،ياز پەسىلدە << ماڭگۇ >> نامدا مېۋلرىن يىغۋىلىپ دۇرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
[ تەبىئىتى ] (پىشقنى ) ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق،خام مېۋسى قۇرۇق سۇغۇق،
[ خۇسۇسىيىتى ] (پىشقنى باھنى قۇۋەتلەيدۇ،بەدەننى سەمىرتىش ،قان كۆپەيتىش،سۈت ،مەنىي كۆپەيتىش ،كۆڭلىنى خۇش قىلىش ،(خام مېۋسى ) قىزتما پەسەيتىش، ئاغىرىق پەسەيىتىش.
[ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر] قان ئازلىق ،رېماتىزىم ، ئۈتكۈر قىزتما ،ئىچ ئۈتكۈ.
[ ئىشلتىش ئۇسۇلى ] 1. ھەر كۈنى 1~2 دانە پىشقان ئامنى يەپ بەرسە ،بەدەننى سەمىرتىدۇ، ساپ قان پەيىدا قىلىدۇ،كۆڭۈلىنى خۇش قىلىدۇ،رېماتىزمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ،
2. مۇۋاپىق مىقداردىكى خام ئامنى قىزىق قۇمىغا كۆمۈپ ،پىشقاندا سىقىپ سىقلىغان سۈيىگە،ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە ،قىزتما پەسەيىتدۇ.
3. مۇۋاپىق مىقداردىكى خام ئامنىڭ پوستنى ئايىرىپ ئېلىپ، سۇغا سېلىپ مىجىپ ،سۈيىگە شىكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە ،ئاپتاپ ئۈتۈپ كېتشتىن كېلىپ چىققان ئۈتكۈر ئۇسسۇزلۇققا ۋە ئىچ ئۈتكۈگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
[ ئىشلتىش مىقدارى ] 1~2 تال .
[ زىيانلىق تەسىر ] قىچشقاق پەيدا قىلىدۇ.
[ تۈزەتكۈچسى ] چىلان
[ ئۇرۇنباسارى ] قىزىل ئۈزۈم
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت تورى يازمىسى.باشقۇرغۇچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بەتلەرگە يۆتكىمەڭ!