ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 0

قىزىل ئۈزۈم ھەققىدە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزمەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 23:24  

قىزىل ئۈزۈم
红莆萄

[تۇنۇش] بۇ ئۈزم ئائىلسدىكى ئۆسۈملۈك قىزىل ئۈزۈمنىڭ مېۋسىدۇر،بۇ بىر خىل داڭىلىق مېۋە بولۇپ، بۇ مېۋنىڭ ئۆسۈملۈك تېنى قارامتۇل سېرىق، تولىغماچ،پېلەك ئۇزارتىپ ئۆسىدىغان دەرەخ بولۇپ،ئۇنىڭ يوپۇرمىقى تېرەكنىڭ يوپۇرمىقغا ئۇخشايىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن يوغان،نېپىز ،ئۇششاق ئاق چېچەكلەيدۇ، غۇزمەك  بىر ساپىتا بىر تال مېۋە بىردۇ،
مېۋسى سۇلۇق ، تاتلق،پوستى ئىچدە ئۇرۇقى بار، مېۋە شەكلى يۇملاق ،بەزىلرى ئۇزۇنىچاق ،رەڭىگى قىزىل كېلىدۇ.بۇ دەرەخنىڭ ،ېۋسى ‹‹ قىزىل ئۈزۈم ›› نامدا دۇرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
[تەبىئىتى] ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
[خۇسۇسىيىتى]  ئاساسلىقى قان كۆپەيتىش، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا بەلغەم خىلىتلىرنى پىشۇرۇش ،ئوزۇق بولۇش، ساپ قان پەيدا قىلىش، قاننى تازىلاش ۋە جانلاندۇرۇش بەدەننى سەمرىتىش، ئىچنى بوشىتىش، تېرىلەرنى سىلىقلاشتۇرۇش، مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىنى كۈچەيتىش.
[ئىشلىتىلىدىغان كېسەللكلەر] بەدەن ئاجىزلىقى، كەم قانلىق، قەۋزىيەت، نېرۋا ئاجىزلىقى، باھ ۋە ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
[ئىشلىتىش ئۇسۇلى]
1. ئۈزۈمنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، بەدەنگە ئۇزۇق بولۇپ سەمرىتىدۇ، ئۇنۇتقاقلىقنى يوقىتىپ، ئەقلىي قۇۋۋەتنى، بەدەننىڭ كېسەللىگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
2. ئۈزۈمنى ياڭاق مېغىزى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ بۆرەكنى، بەدەننى، باھنى كۈچەيتىدۇ.
3. قۇرۇق قىزىل ئۈزۈمدىن سوقماق تەييارلاپ، يېسە، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سەمىرىتىدۇ.
[ئىشلىتىش مىقدارى]  ئەھۋالغا قاراپ 60~80 گرام.
[زىيانلىق تەسىرى] پوستى ۋەئۇرۇقى قان تومۇرنى تارايتىدۇ.
[تۈزەتكۈچىسى] سىركەنجىۋىل، كەرەپشە ئۇرۇقى.
[ئورۇن باسارى] قۇرۇق ئۈزۈم.
                               ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت تورى يازمىسى.باشقۇرغۇچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بەتلەرگە يۆتكىمەڭ!


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش