ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دوختۇرخانىدا دىگەندەك مۇھىت ئالمىشىش سەۋەبىدىن بولغان ئادەت قالايمىقانلىشىش بۇلىشى مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىچكىر تەرەپ نەم بىز تەرەپ قۇرۇق. نەم مۇھىتتا كۆپ تۇرغان كىشى، قۇرۇق مۇھىتقا كەلگەندە مۇھىتتىن قۇبۇل قىلىنىدىغان نەملىك بەدەن سەرپىياتىدىكى نەملىكتىن ئاز بولغاچقا بەزى نورمالسىزلىقلار (كۆپ ئۇساش، تىرە يېرىلغاندەك ياكى قۇرغاق بۇلۇش، چوڭ، كىچىك تەرەت ئازلاش، ئاياللاردا ئادەت قالايمىقانلىشىش.....) قاتارلىق ئەھۋاللار كۈرۈلىشى مۇمكىن.
سىز كۈرۈلگەن تېۋىپنىڭ سۆزلىرىنى سىز چۇشانمىدىڭىزمۇ ياكى مەن ئۇقۇشتا خاتا ئۇقۇپ قالدۇممۇ تازا دىگەندەك قائىل بولمۇدۇم. بۇلۇپمۇ
بۆرەكتە مەسىلە ئېغىركەن، ئىككى بۆرەك بىر بىرى بىلەن قىسىلىپ، ھەجىم جەھەتتە بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان بوپ قاپتۇ،
دىگەن يەرلىرى. ئىككى بۆرەكنىڭ ئورنى خېلىلا يىراق، بىر بىرىنى قىستاش ئىمكانىيتى يوق. ئەزەلدىنلا چوڭ كىچىكلىكى ئوپمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئەمدە سىز سۈيدۈك تەكشۈرگەندە بىنورماللىق بولمىسا ئەنسىرەپ كەتمەي مائۇل ئۇسۇل رەھمى دىگەن دورىنى بىر مەزگىل ئىشلىتىڭ. سوغاق سۇ ۋە سوغاق ئىچىملىك، لەڭپۇڭ، لىياڭپىزى دىگەنلەردەك يەللىك يىمەكلىكتىن يىراق بۇلۇڭ.
پەرزەنىتلىك بۇلۇش بولماسلىق ئىنساننىڭ ئىلكىدە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە توي قىلماي تۇرۇپ ھۈكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاللاھتىن تىلەپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.