ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1105|ئىنكاس: 3

مەنى بۇنداق كەلسە نورمالمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇرسۇن47 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-24 15:08  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلسىھەت دوختۇر، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ گەرچە ناھايىتى ئالدىراش بولسىڭىزمۇ  بۇ ئىشنى سىزدىن سورىماي بولمىدى.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم ، ئاخشام ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىچىك تەرەت قىپ بولۇپ زەكەرنىڭ ئۇچى بىرخىل يىڭنە سانجىغاندەك ئىچىشىپ كەتتى لىكىن بىردەمدىلا يوقىدى. يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ يوتقانغا كىرگىچە كالتە ئىشتىنىم ھۆل بوپقاپتۇ.مەن تېخى سۈيدۈك چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قارىسام مەنى چىقىپ كىتىپتۇ. ئادرىلىقتا زەكەر قايىم بولمىدى،ھەم ھېچقانداق سېزىممۇ يوق.بۇرۇن كېچىلىرى ئېھتىلام بولۇپ قالسام ئويغىنىپ كېتەتتىم، لېكىن بۇ قېتىم ئويغاق تۇرۇپمۇ ھېچقانداق سېزىم يوق.بۇرۇن پەقەت بۇنداق بولۇپ باقمىغان.بۇزادى نېمە ئىشتۇ؟ ئۆزۈم بۇ يىل 21 ياش، توي قىلمىغان ، 7يىللىق ئانانىزم تارىخىم بار ھازىر تاشلاۋاتىمەن(ئىنشائاللاھ چوقۇم تاشلايمەن).سىزنى ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن ناھايىتى خىجىلمەن ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز.


ۋاقتى: 2014-4-24 19:25:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەنى ئىكەنلىكىگە جازىم قىلالامسىز؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-24 21:29:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 19:25
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەنى ئىكەنلىكىگە جازىم قىلالامسى ...

ھەئە. يۈز پىرسەنت جەزملەشتۈرەلەيمەن.


ۋاقتى: 2014-4-27 22:02:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بولدڭ تورغا چىقالماي قالدىم.  بۇنداق ئەھۋال بىرەر قېتىم كۆرۈلسە چوڭ مەسىلە يوق. يەنى مەنى زاپاس ساقلاش مىقدارىدىن زىيادە بولغاندا شۇنداق ئەھۋال بوپ قالىدىغان ئىش بۇلىدۇ. بىراق ئەرلىك ئەزا ئەتىگەندە ياكى مناسىۋەت ۋاختىدا تىكلەنمىسە چۇقۇم تەكشۈرتۈپ داۋالاش لازىم.،


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش